- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
«قاراماي» - «يېكەنكۆل» قەۋەت يولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى «ئۆستەڭ بويى» يولىدىن ھالقىپ ئۆتىدۇ
2014.05.08 10:10 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
«قاراماي»–«يېكەنكۆل» قەۋەتلىك يولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى ئارشاڭ شەرق–غەرب يولىغا چېتىلىدىغان بولۇپ ، غەربتە شەرقىي تاشقى ئايلانما كۆۋرۈكىنىڭ ئالدىن قالدۇرۇلغان قەۋەت يول ئاساسىي لىنىيەسىدىن باشلىنىپ ، ئارشاڭ غەرب- شەرق يولىدىن شەرقتە شەرقىي 2–ئايلانما كۆۋرۈكىگىچە ئۇزارتىلىدۇ . قەۋەتلىك يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3.4 كىلومېتىر بولۇپ ، قوش يۆنىلىشتە بەشتىن ئالتىگىچە ئاپتوموبىل يولى ياسىلىدۇ . پۈتۈن لىنىيەدە سەككىز باغلىما يول يېڭىدىن ياسىلىدۇ . بۇنىڭدىن سىرت ، يەنە بۇلاقتاغ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ئەتراپىدا يېڭىدىن ئىككى پاراللېل باغلىما يول ، «گولف» يولىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ ئەتراپىدا ئىككى پاراللېل باغلىما يول ياسىلىپ ، يەر يۈزىدىكى يول بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ .
قەۋەت يولنى ياساش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ھازىرقى ھالەتتىكى يەر شارائىتىغا ئاساسەن يەر يۈزىدىكى يوللارنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىدۇ . پۈتۈن لىنىيە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى يەر يۈزىدىكى يوللاردا تۆتتىن سەككىزگىچە ئاپتوموبىل يولى ياسىلىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە «ئۆستەڭ بويى» يولىدىن «دۇنيا باغچىسى» مەھەللىسىگە كىرىش - چىقىش ئېغىزىغىچە بولغان ئەڭ كەڭ بۆلەككە سەككىز ئاپتوموبىل يولى ياسىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر