باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسى 13 تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەشكە تېگىشلىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى

2014.05.08 10:36         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەسىلىلەرنى تۈزەش قانداق ئېلىپ بېرىلدى؟ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى ئەمەلىي ئىش قىلىپ ئاممىنى رازى قىلالىدىمۇ؟ يەنە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك قانداق خىزمەتلەر بار؟

  يېقىندا، بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكوم 2013-يىلدىن بۇيانقى مەخسۇس تۈزەشكە تېگىشلىك بەش جەھەتتىكى 13 مەسىلىنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە باھا بېرىشىنى قوبۇل قىلدى. ئالدى بىلەن ئۆزىنى تۈزەشنى باشلامچى قىلىپ، تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

  تۈزەش پائالىيىتىدە، بۈگۈر ناھىيەسىدىكى 11 نەپەر پارتكوم دائىمىي ئەزاسى باشلامچى بولۇپ مەخسۇس تۈزەش مەزمۇنى ۋە 13 كونكرېت مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىرمۇ بىر تۈزىدى. بولۇپمۇ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش، خادىملارنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تەقسىملەش جەھەتتە بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ھەيئەتلىرى ئىسلاھات تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى دائىمىي كومىتېت ھەيئەتلەر يىغىنىدا بىرمۇبىر دوكلات قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاپ ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  نۆۋەتتە، بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكوم ئورگانلىرى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىدىن ئالتىنى ئېنىقلىدى، ھەمدە 20 دىن ئارتۇق نورمىدىن ئاشۇرۇپ تەقسىملەنگەن خادىملارنى ئېنىقلاپ خىزمەتتىن توختاتتى. يەنە ئامما ئىنكاس قىلغان 17 ئەمەلىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرمۇبىر نەقلەشتۈرۈپ ئاممىنى رازى قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر