باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى

2014.05.08 10:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرايلى

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئابىلمەجىن، خەن يۇڭ، شەۋكەت ئىمىن، ئەركىنجان تۇراخۇنلار 5 – ماي ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پېنسىيەگە ۋە دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەمگەك نەمۇنىلىرى ۋەكىللىرىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ 4 – ماي چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدىكى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى كونكرېت تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يەتكۈزدى ھەم ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى تەكىتلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – ماي چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان ئورگان پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلىرى يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كۆپ قېتىم تەكىتلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يېڭى ھەم تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى ۋە باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يەرلىكنىڭ نىزام چىقىرىشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى؛ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشى؛ قانۇن ئىدارە قىلىشقا دائىر تەشۋىق – تەربىيەنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە سىياسەت ۋە قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە ھەرىكەت شەكلىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشتىن قەتئىي ئاداشماي، باشتىن – ئاخىر چىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن، ھەقىقىي قوللىنىشقا بولىدىغان قىسمەن مۇھىم ئىسلاھات قارارلىرى، چوڭ – چوڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، قانۇن – تۈزۈملەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيەنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قاراتمىلىق ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، سالماق، قىممىتى بار پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاكتىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتكومنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق تەدبىرلەرنى سۇنۇپ، ئىككى تۈرلۈك پائالىيەتتە پۇختا ھەم ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 5 – ماي چۈشتىن بۇرۇن پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 5 – ماي چۈشتىن كېيىن، ئورگاندىكى كادىرلارنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ 4 – ماي ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش تەلىپى بويىچە، ئىدىيەۋى تونۇشنى توغرىلاپ، خىزمەتلەرنى توغرا سېلىشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىگە، 32 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ھەم مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹مۇجەسسەملەش››، ‹‹تەكلىپ بېرىش››، ‹‹كۈچ سەرپ قىلىش››تىكى ئاكتىپ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، ئىلگىرىلىگەن، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن يۇڭ 5 – ماي چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى زالىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تۆھپە قوشقانلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللەشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېزدىن يەتكۈزۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مۇھىم سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پېشقەدەم كادىرلار بەس – بەستە: مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆز ساھەيىمىزگە يەتكۈزۈپ، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز، دېدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن 5 – ماي چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋەكىللىرى بەس – بەستە: ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز، دېدى. شەۋكەت ئىمىن ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىشلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى ۋە خەۋپ ئېڭى تۇرغۇزۇپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ خىزمەت خاراكتېرى ۋە تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ساقلاش، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ساھە ۋە مەخسۇس تېمىلارغا بۆلۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ، يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى 5 – ماي چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ھوشۇر ئىسلام، ئوۋياڭ چياۋيەن، ئابدۇباقى ئابلىمىت، سېرىك كۈرۈش، جاۋ يەنچاڭ قاتارلىق مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەركىنجان تۇراخۇن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، كۈچنى ئىسلاھات، تەرەققىياتقا مۇجەسسەملەپ، ئاممىۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئەمگەك نەمۇنىلىرى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئەمگەك نەمۇنىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەمگەك نەمۇنىلىرىدىن ئۆگىنىپ، ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ تۆھپە يارىتىشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر