باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2014 – يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەربىي كادىرلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

2014.05.08 10:12         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5–ماي ، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەربىي كادىرلارنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىش خىزمىتى 6–مايدىن 31–مايغىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىم نۇقتىلىق تۈردە ماشىنا لايىھەلەش ۋە ياساش ، ئاپتوموبىل ، كومپيۇتېر ، كىلىنىكا مېدىتسىنا، كۈتۈش ، رادىيو–كىنو–تېلېۋىزىيە قاتارلىق كەسىپلەرگە تېخنىك خادىم قوبۇل قىلىنىدىكەن .

  قوبۇل قىلىنىدىغان ئوبيېكتلار ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن بولۇشى ، ئۆگەنگەن كەسپى قىسىمنىڭ كەسىپ تەلىپىگە ماس كېلىشى ، توي قىلمىغان بولۇشى ، ئەرلەر 24 ياشتىن تۆۋەن ، ئاياللار 23 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك ئىكەن ؛ سىياسىي ۋە بەدەن شارائىتى ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن . كەسپىي ئىقتىدار باھالاش ئېلىپ بېرىلىدىغان كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك ئىكەن .

  بۇ قېتىملىق ھەربىي كادىر قوبۇل قىلىش داۋاملىق توردا تىزىملىنىدىكەن ، تىزىملاتماقچى بولغانلار توردىن پايدىلىنىپ قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەرنى تەكشۈرسە ، تىزىملاش ئۇچۇرىنى يوللىسا بولىدىكەن ، ئوقۇش تارىخى ۋە كەسپى توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدىكەن . تىزىملاش تور ئادرېسى : http://www.gfbzb.gov.cn

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر