باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ نىگېرىيىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى

2014.05.07 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ نىگېرىيە پرېزدېنتى جونارسىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 6-ماي كەچتە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئابۇجا خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ بېرىپ، نىگېرىيىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. لى كېچياڭنىڭ رەپىقىسى چېڭ خوڭمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىگېرىيە ئافرىقىدىكى 1- چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە، جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى . ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئالاقىسى قويۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە. مەن نىگېرىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى، بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئارقىلىق ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى يەنىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈتمەكتىمەن. زىيارەت مەزگىلىدە لى كېچياڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى سىۋابنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئابۇجادا ئۆتكۈزىلىدىغان 24-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئافرىقا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ئالاھىدە سۆز قىلىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ئافرىقا ئەللىرىنىڭ قىسمەن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر