باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماي بايرىمىدا نۇرغۇن جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇردى

2014.05.06 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماي بايرىمى مەزگىلىدە، نۇرغۇن جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۆت ناتوغرا ئىستىلغا داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ئالىي ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىشقا قاتنىشىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى ئاشكارا تەكشۈرۈپ ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ، تىپىك دېلولارنى رەتلەپ ۋە يەكۈنلەپ، بۇ قىلمىشلارغا ئالاقىدار ئەمەلدارلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  ماي بايرىمىدا، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى بىلەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، چاۋياڭ شەھىرى، جىنجۇ شەھىرىدە ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ ئىچىشقا چېتىشلىق بىر تۈركۈم ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاشكارا تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن زىيارەت قىلدى.

  خۇنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 1-ماي ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە بۇنىڭغا ئەزا ئورۇنلار، چاڭشا شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن بەش ئەترەت تەشكىللەپ، چاڭشانىڭ شەرقى، غەربى، جەنۇبى، شىمالىدىكى رايونلارنى ئايرىم-ئايرىم ئاشكارا تەكشۈردى ۋە يوشۇرۇن زىيارەت قىلدى. كونكرېت يوشۇرۇن زىيارەت نەتىجىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن تېزدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

  گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاخبارات باياناتچىسى مېي خېچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەركەزلىك تۈزەش ئارقىلىق، ماي بايرىمىدا، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رەھبىرى كادىرلار ۋە مەمۇرىي خادىملارنىڭ باغچە، ئارامخانىلاردا ناتوغرا ئىستىل سادىر قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەرزلەرنى تاپشۇرۇۋالمىدى. گۇاڭجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇھىم نۇقتىلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بايقالغان مەسىلىلەر ۋە ئالاقىدار تۈزەش ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ ۋە ئاشكارىلاپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر