باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشنى كېڭىشىدۇ

2014.05.06 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى، شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇركخالتېر 7-ماي رۇسىيەگە بېرىپ، پىېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنانىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈستىدە كېڭىشىدۇ. زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنادىكى زوراۋانلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق توسۇش ئۈستىدە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ.

  خەۋەرگە قارىغاندا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەنىمۇ تىرىشىپ، ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى جەنۋەدە ھاسىل قىلىنغان ئۇكرائىنانىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشكە ئالاقىدار ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك دەپ ھېسابلىغان ، بۇ قېتىمقى زىيارەت بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر