باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ليۇ يەندوڭ ئىستۇدېنت ۋە ئالىي مەكتەپ يېتەكچىلىرى يىللىق شەخسلەر سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2014.05.06 08:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ يەندوڭ 4-ماي 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ يېتەكچىلىرى يىللىق شەخسلەر سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان بارلىق ياش ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا بەل باغلاپ، ۋەتەننى سۆيۈپ پىداكارلىق كۆرسەتتى، بىر تۈركۈم توختىماي ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان، يېڭىلىق، ئىگىلىك يارىتىدىغان ئىلغار تىپلار بارلىققا كەلدى، ئالى مەكتەپ يېتەكچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەيدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى، بارلىق ياش ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ.

  ليۇ يەندوڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ياشلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشى ئۈچۈن كەڭ سەھنە ھازىرلاندى، ئۇلارغا تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەت ئارتىلدى، بارلىق ياش ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى دۆلەتنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك كىشىلىك تۇرمۇشىنى يېزىپ قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر