- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ موداپىئە ئىشلىرىدىكى سۆھبىتىدە، فىلىپپىن ئامېرىكىغا بەش ھەربىي بازىسىنى ئېچىۋېتىشكە قوشۇلغان
2014.05.05 14:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ماي خەۋەر قىلىشىچە: فىلىپپىن دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، ئامېرىكا فىلىپپىن موداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى فىلىپپىن تەرەپ سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بادىنو، ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلان، پاراخوت ۋە قوشۇنلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، فىلىپپىننىڭ ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندە ئەڭ كۆپ بولغان بەش ھەربىي بازىنى ئېچىۋېتىشكە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئۆتكەن ھەپتە يېڭىدىن مۇددىتى ئون يىل بولغان موداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەردار ھەربىي تەرەپ ئەربابىنىڭ ئېيتىشىچە: ئامېرىكا يەنە فىلىپپىندىن ئىلگىرى ئامېرىكىغا تەۋە بولغان ئۈچ بازىنى ۋە مانىلادىكى فىلىپپىن ھەربىي تەرەپ باش شتابى تۇرۇشلۇق جايدىكى بىر قانچە لاگىرىنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر