باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ياشلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك دېدى(1)

2014.05.05 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياشلارغا مەنسۇپ بولغان 4-ماي ياشلار بايرىمىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە ياش خىزمەتچىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يادرولۇق قىممەت قارىشى-بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئەڭ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان، ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق كۈچ. ياشلار ھازىردىن، ئۆزىدىن باشلاپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئەخلاقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەرقلەندۈرۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، سەمىمىي بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۆزىنىڭ تۈپ قوللانمىسىغا ئايلاندۇرۇشى ھەم ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتكىچە كېڭەيتىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە تېرىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل كىشىلىك ھاياتىنى يارىتىشى كېرەك.

  بۇ يىل-4-ماي ھەرىكىتىنىڭ 95 يىللىقى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى-ئېلىمىز يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى ھەم 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكى. شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دەۋرىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى-سۆيۈملۈك، ئىشەنچلىك، قىممەتلىك. ۋاقىت ئاتقان ئوق، ھەر بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۆز كەچۈرمىشى ۋە پۇرسىتى بار، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دەۋر شارائىتىدا، كىشىلىك ھاياتىغا ئۇل سېلىپ، تارىخ يارىتىشى كېرەك. ياشلار-دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ سەگەك بارومېتىر، دەۋرنىڭ مەسئۇلىيىتى ياشلارغا يۈكلەنگەن، دەۋرنىڭ شەرىپى ياشلارغا مەنسۇپ. ياشلارنىڭ 4-ماي ھەرىكىتىنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ئۇسۇلى شۇكى، ياشلار پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، دەۋرنىڭ ئالدىدا دادىل ماڭغۇچىلار، يول ئاچقۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلار بولۇشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، تارىخىي ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، 4-ماي روھى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆزنى چاقنىتىدىغان دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇرۇشى لازىم.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر