باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېن گاڭ دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

2014.05.06 08:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گان تۈنۈگۈن ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان 2014-يىللىق دوكلاتىدىكى جۇڭگوغا دائىر مەزمۇنلار ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى 2014-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونى «ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان دۆلەتلەر» قاتارىغا كىرگۈزدى، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز، دەپ سورىغاندا چېن گاڭ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىدۇ، جۇڭگو خەلقى دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جۇڭگو قانۇنىدا ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ بۇ كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ جۇڭگوغا چېتىلىدىغان قىسمىدا ئاساسسىز گەپلەر قىلىنىپ، جامائەت پىكىرى خاتا يېتەكلەنگەن. بىز ئامېرىكىنى بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىپ، دىنى مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىشىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر