باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە نۇرغۇن قەرز پۇل بەردى

2014.05.06 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى 4-ماي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بانكىمىز كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە 107 مىليارد 900 مىليون يۈەن قەرز تارقىتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %388 ئاشۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىپ سېلىنغان 93 مىليون 190 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئىمارەتنى قوللاپ، بىر مىليون 110 مىڭ ئائىلە، ئۈچ مىليون 720 مىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئادەمگە نەپ يەتكۈزدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 4-ئاي كىرگەندىن بۇيان، دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى شاڭخەي، خېنەن، سىچۈەن، گۈيجۇ، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بېرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تۇتاشتۇرغان، نۆۋەتتە 15 ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش قەرز بېرىش سەھنىسىنى ئورنىتىپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتە ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش قەرز بېرىش سەھنىسىگە ھوقۇق بەرگەن. دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى ئىناۋەتلىك قەرزنى باھالاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساقلانما تۈرلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تۈرلەرنى باھالاش، قەرز تارقىتىشنى تېزلەتكەن. 4-ئايدا تارقىتىلغان كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قەرزى 83 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى ئۈچ ئايدا تارقىتىلغان سوممىنىڭ 3.4 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن، بۇنىڭ بىلەن باۋتۇ بېيلياڭ، تيەنجىن شىيۈجۇاڭ ھەم خېنەن، جىلىن قاتارلىق جايلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق زور بىر تۈركۈم قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر