باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-نۆۋەتلىك ياشلار نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2014.05.05 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا 3-نۆۋەتلىك ياشلار نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. 4-ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، 12 ياش ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى تەسۋىرلەشتىن ئەزىز يۇرت ماكانىنى مەدھىلەشكىچە، پارتىيەنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشىدىن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشتەك جۇڭگو ئارزۇسىغىچە، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئېسىل نۇتۇقلارنى سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان تەسىراتىنى بايان قىلىشتى. ئۆتكەن يىلى 1-ئۆكتەبىر باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بارلىق ساۋاقداشلارغا جاۋاب خەت ئەۋەتكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ساۋاقداشلارنىڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىنى قەدىرلەپ، ئەخلاق پەزىلىتىنى ياخشىلاپ، مىجەز خۇلقىنى يېتىلدۈرۈپ، جاپاغا چىداپ ئۆگىنىپ، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىپ، ھەقىقىي بىلىم ئىقتىدارنى ئىگىلەپ، تىرىشىپ ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ، گۈزەل يۇرت ماكانىنىڭ كېرەكلىك ئىختىساسلىقلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لى شاۋمەن مۇنداق دېدى: بۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىد، شۇنداقلا مىللەتلەر خىزمىتى سېپىدىكى ياش كادىرلارغا بولغان يېتەكچىلىك. نۇتۇقلاردا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئورگانلىرىدىكى ياش بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ روھى قىياپىتى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ئەھۋالى تولۇق نامايان قىلىندى، بۇ كىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. ياشلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، تەرەققىي قىلىش ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇساپىسىدا قەيسەرلىك بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ياشلىق كۈچىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر