باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى مۇئاۋىن مىنىستىرى كېچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي ۋوگزاللىرىغا بېرىپ بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتى تەكشۈردى

2014.05.07 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دېيىلدى: 6-چېسلا كەچتە، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فۇ جېڭخۇا بىر قىسىم ئىدارە باشلىقلىرىنى باشلاپ بېيجىڭ ۋوگزالى، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالى، بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالى، بېيجىڭ شىمالىي ۋوگزالىغا بېرىپ قوراللىق چارلىدى ھەمدە ساقچى كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە بىخەتەرلىك ساقلاش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن تەكشۈردى.

  ج خ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە مۇنداق دېيىلدى: 6-ماي كەچتە، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى بىخەتەرلىكنى قوغداش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ يەنپىڭ شاڭخەي ۋوگزالى، شاڭخەي خۇڭچياۋ قاتناش تۈگۈنى ۋە تۆمۈريول سۇجوۋ بېكىتىگە كېلىپ، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى نەق مەيداندىن تەكشۈردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى ھەمدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىدىن سال سورىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر