باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاندىكى تاغ گۈمۈرۈلۈش ھۆكۈمەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىنىماقتا
(1)

2014.05.06 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ئۆلكىسىدە 2-ماي تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى، نۆۋەتتە 255 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى، بۇندىن باشقا نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتتى، يوقاپ كەتكەنلەر ئىككى مىڭدىن ئاشقان. ھازىرغىچە، ئاپەت يۈز بېرىپ 30 نەچچە سائەت ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما قۇتقۇزۇش سۈرئىتى ئاستا بولماقتا، كۆمۈلۈپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى كىچىك. نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىمقى تاغ گۈمۈرۈلۈشتە ئۆلۈم-يېتىم شۇنچە ئېغىر بولدى؟ قۇتقۇزۇش قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى؟ ھەمىشە بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇپ كەلگەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مىسلىسىز تەبىئىي ئاپەت ئالدىدىكى ئىپادىسى قانداق بولدى؟

  بۇ ۋەقەدە نېمە ئۈچۈن ئۆلۈم-يېتىم شۇنچە ئېغىر بولىدۇ؟ بۇ قېتىمقى تاغ گۈمۈرۈلۈش ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا يۈز بەردى، ۋەقە يۈز بەرگەن كەنت تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، گۈمۈرۈلگەن ئېدىرلىققا بەك يېقىن. يەر شەكلى تار، كەنتنىڭ نوپۇسى بىر قەدەر زىچ بولغانلىقتىن، ئاپەت يۈز بەرگەندە، ئاھالىلەر قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن. بۇندىن باشقا، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرى پۇختا بولمىغان كېسەك ئۆيلەر بولغاچقا، سىيرىلىپ چۈشكەن تاش-شېغىللارنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە دال بولمىدى. 2-مايدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈشتە كەنتتىكى 300 چە ئۆي كۆمۈلۈپ قالدى، مىڭدەك ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى، نۇرغۇن ئادەم كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە 20 مېتىردىن چوڭقۇرراق توپىغا كۆمۈلۈپ قالدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنى ئاياللار، بالىلار ئىدى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، 2-ماي ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم تاغ گۈمۈرۈلگەن، تۇنجى قېتىم گۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر قۇتقۇزۇشقا بارغان، لېكىن بەختكە قارشى 2-قېتىملىق گۈمۈرۈلۈشكە دۇچ كېلىپ، ئۆلۈم-يېتىم تېخىمۇ كۆپ بولغان.

  ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا ئەزەلدىن ئەتىيازدا يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، كەلكۈن كۆپ كېلىدۇ. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئاھالىلەرنىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنىڭ يېتەرسىز بولۇشىمۇ ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئېغىر بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

  قۇتقۇزۇش سۈرئىتى نېمە ئۈچۈن ئاستا بولىدۇ؟ بەدەخشان ئۆلكىسى ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چېگرا بويىغا جايلاشقان، ئاپەتكە ئۇچرىغان كەنتكە بۇ ئۆلكىنىڭ مەركىزىدىن ماشىنا بىلەن ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا تۆت سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، چەت-يىراق جۇغراپىيەلىك ئورۇن بولغاچقا، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئېغىر تەسىر يەتتى. شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى كەينىدە قالغان، خەۋەرلىشىش شارائىتى ناچار، ئاپەت يۈز بېرىپ يەتتە سائەتتىن كېيىن ئاندىن تاراتقۇلار بۇ ۋەقەنى ئۇققان، شۇڭا قۇتقۇزۇش ۋاقتى كېچىكىپ كەتكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر