- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


لى كېچياڭ ئافرىقا ئىتتىپاقى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ «تۆت پىرىنسىپ، ئالتە قۇرۇلۇش، بىر سەھنە» رامكىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى
2014.05.06 15:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي ئەددىس-ئەبىبەدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 5-ماي ئەددىس-ئەبىبەگە جايلاشقان ئافرىقا ئىتتىپاقى باش ئىشتابىدا «جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
لى كېچياڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش-ئۆزئارا ئىشىنىش، سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش-ھەمكارلىشىش قاتارلىق تۆت پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقى، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى، نامراتلارنى ئازايتىش ھەمكارلىقى، ئېكولوگىيە-مۇھىت ئاسراش ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقى، تىنچلىق-بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى قاتارلىق ئالتە چوڭ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىدىن ئىبارەت بىر سەھنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت «تۆت پىرىنسىپ، ئالتە قۇرۇلۇش، بىر سەھنە» رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر