باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داۋالاش ماجىرالىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراشتۇرۇش نىسبىتى %88 كە يەتتى

2014.05.06 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك داۋالاش ماجىرالىرىنى خەلق ياراشتۇرۇش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى 5-ماي تيەنجىندە ئېچىلدى. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە داۋالاش ماجىرالىرىنى خەلق ياراشتۇرۇش تەشكىلاتىدىن 3396 سى قۇرۇلدى، خەلق ياراشتۇرغۇچىسى 25 مىڭدىن ئاشتى، %55 داۋالاش ماجىرالىرىنى خەلق ياراشتۇرۇش كومىتېتى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. 2013-يىلى 63 مىڭ داۋالاش ماجىراسى ياراشتۇرۇلۇپ، ياراشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %88 كە يېتىپ، دوختۇرخانا بىلەن بىمارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى كۈچلۈك قوغدىلىپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ۋاقىتلىق ھەل قىلىش بىلەن تۈپتىن ھەل قىلىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇش كېرەك، بىر تەرەپتىن، داۋالاش تەرتىپىنى قوغداش، داۋالاشقا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زوراۋانلىق قىلىپ دوختۇرلارنى يارىلاندۇرۇش قىلمىشىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، خەلق ياراشتۇرۇشىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، دوختۇرخانا ئىچىدە ياراشتۇرۇش، خەلق ياراشتۇرۇش، ئەدلىيە جەھەتتىن ياراشتۇرۇش، داۋالاش خەتىرىنى بۆلۈپ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمى ئورگانىك بىرلەشكەن، ئۆز ئارا تۇتاشقان تۈزۈم رامكىسىنى پائال ئورنىتىپ، جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلى بىلەن، جۇڭگوچە ئۈچ تەرەپتىن ياراشتۇرۇش، بىرگە ھۆددە قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ماجىرالىرىدىن ساقلىنىش، پەسەيتىش، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش لازىم. ئىككى يىلچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، داۋالاش تەرتىپىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، دوختۇرخانا بىلەن بىمارلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىناقلاشتۇرۇش خىزمىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر