باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللەردىكى رۇسلار نېمە ئۈچۈن پۇتىننىڭ بىر كوزىرىغا ئايلىنىپ قالدى؟(1)

2014.05.06 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 18-مارت قىرىم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ، رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن «رۇسىيە ئۇكرائىنانى پارچىلىۋېتىشنى ئويلىمايدۇ، ئەمما ئۇكرائىنا ئۆز دۆلىتىدىكى رۇسلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى» دېدى. ئارقىدىن، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كىرىزىس كەسكىنلىشىپ كەتتى، پۇتىن يەنە ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇس تىللىق ئاممىنى قوغدايمىز» دېدى.

  پۇتىن بۇ سۆزلىرىدە دېگەن قوغدىماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چەتئەللەردىكى رۇسلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ لوگىكىسى ناھايىتى ئېنىق، پۇتىن ئانىسى رۇسىيەنىڭ چاكىرى، بالىلىرى گەرچە ياقا يۇرتلاردا بولسىمۇ، ئانىسى بالىلىرىنى قوغدايدۇ.

  يىگىرمە نەچچە يىل ئىلگىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ زېمىنىدا 25 مىليوندىن ئارتۇق رۇس ياشايتتى؛ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا، بۇ رۇسلار رۇسىيەگە قايتىپ كەتمىدى، بەلكى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى پۇقرالىرىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، رۇسىيەنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان بۇ رۇسلارنىڭ نوپۇسى سەل ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا نوپۇسى 16 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇلار ئاساسلىقى ئۇكرائىنا، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، بېلورۇسىيە، لاتۋىيە، قىرغىزىستان، مولدوۋا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇ دۆلەتلەردىكى رۇسلارنىڭ نوپۇسى ئاز بولغاندا نەچچە ئون مىڭ، كۆپ بولغاندا نەچچە مىليونغا يېتىدۇ.

  شەرقىي ياۋروپادىكى ئۇكرائىنانىڭ 2013-يىلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 45 مىليون 550 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇكرائىنلار %77 نى، رۇسلار %17 نى ئىگىلىگەن، رۇسلارنىڭ نوپۇسى سەككىز مىليونغا يېقىنلاشقان، بۇ رۇسلار ئاساسلىقى رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان ياكى رۇسىيەگە يېقىن شەرق ۋە جەنۇبتىكى رايونلارغا تارقالغان؛ بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەت لاتۋىيەدىكى رۇسلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى %26.9 نى ئىگىلەيدۇ؛ ئوتتۇرا ئاسىيادا بولسا قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 17 مىليون 187 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار %65 نى، رۇسلار %22 نى ئىگىلەيدۇ، رۇسلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تۆت مىليونغا يېقىنلىشىدۇ، بۇلار ئاساسلىقى قازاقىستاننىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىكى رايونلارغا تارقالغان. بۇ رايونلار سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم سانائەت رايونلىرى ئىدى، بەزىلىرى ھازىرمۇ يەنىلا مۇھىم سانائەت بازىلىرى بولماقتا.

  سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، رۇسلار ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردە ناھايىتى مۇھىم تەسىرگە ئىگە ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى ئەمەلدار، ئالىم، ئىنژېنېر، زىيالىي ۋە مەخسۇس تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى بولغان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىمپېرىيە پۇقرالىرى ئارقىدىنلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ يانداش رولچىلىرىغا ئايلىنىپ قالدى. قازاقىستاننى مىسالغا ئالساق، مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، قازاقلار قازاقىستان ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران %40 نى ئىگىلەپ، رۇسلارنىڭ نوپۇسى بىلەن ئاساسەن تەڭ ئىدى، ئەمما قازاقىستاننىڭ دۆلەت پارلامېنتى، پىرېزىدېنت ئىشخانىسى، دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك ئورگىنى، تاموژنا، بانكا، دۆلەتنىڭ باج ئورگانلىرى ھەم پەن تەتقىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ تارماقلىرىدىكى مۇھىم ئورۇنلار مەسئۇللىرىنىڭ %80 تىن %90 گىچە بولغان قىسمىنى قازاقلار ئۈستىگە ئالغان؛ 1992-يىلى پىرېزىدېنت ئېلان قىلغان 38 كىشىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئىسىملىكىدە، بىرمۇ رۇس يوق ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى سەرخىللار توپى بىراقلا يېڭى مۇستەقىل دۆلەت ئىچىدە چەتلەشتۈرۈلگەن پۇقرالارغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇكرائىنادىكى رۇسلارنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر