باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە

2014.05.08 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيانىڭ ئۇكرائىناغا بولغان ئۈمىدسىزلىك دەرىجىسى داۋاملىق ئاشماقتا. گېرمانىيە «سۈرەتلەر گېزىتى» مۇنداق دېدى: ئىچكى ئۇرۇش ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە كۈنسېرى يىتەكچىلىك ئورۇننى ئىگىلىمەكتە. ئۇكرائىنا كىرزىسىنىڭ بوران چاپقۇنى جەنۇبتىكى دېڭىز پورتى ئودىسادىن شەرقتىكى ئىنقىلاب تۈگۈنى بولغان سىلاۋىيانسىكىغا قايتتى. ھۆكۈمەت قۇراللىق ئەسكەر، تىك ئۇچار ۋە بىرونېۋىك چىقىرىپ، رۇسىيەپەرەس قۇراللىق كۈچلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ھازىر ۋەزىيەت ئېنىق ئەمەس، ئەمما سىرتتىكىلەر ئومۇميۈزلۈك: داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشتا ئۇكرائىنادىكى ئىككى گۇرۇھنىڭ قارشىلىشىش كەيپىياتىنىڭ ئۆچ ئېلىشقا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماقتا.

  خەۋەرگە قارىغاندا، سىلاۋىيانسكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەتراپىدا شۇ كۈنى يېڭى بىر نۆۋەت شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قۇراللىق تىك ئۇچار ۋە بىرونېۋىكى جەڭگە ئاتلانغان. ئارقىدىن سىلاۋىيانسىكىدىكى رۇسپەرەس قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى مۇنداق دېگەن: بىز ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بۇ شەھەرگە ئىچكىرلەپ كىرىشىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك توستۇق. ئەمما بىزمۇ نۇرغۇن بەدەل تۆلىدۇق، تەخمىنەن 20 ئادەم قازا قىلدى، پۇقرالارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس.

  ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىقى مۇنداق دېدى: سىلاۋىيانسىكىدىكى ئالاھىدە ھەرىكەتتە قانۇن قوغدىغۇچىسىدىن تۆتى قازا قىلدى، تەخمىنەن 30 كىشى يارىلاندى. شۇ يەردىكى ئامما ئارىسىدا قازا قىلغانلارمۇ بار. ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى يەنە مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنانىڭ بىر مى 24 بەلگىلىك ھەربىي تىك ئۇچارى سىلاۋىيانسىكى رايونىدا جەڭ ۋە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. ئۇچقۇچى بەختىكە يارىشا ئامان قالدى. ئۇكرائىنا خەلق مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ رەھبىرى بور توراك مۇنداق دېدى: رۇسىيەپەرەس قۇراللىق كۈچلەر ياخشى مەشىق قىلغان، مىناميوت ۋە پىلمۇت قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قۇراللارغا ئىگە.

  سىلاۋىيانسىكىدىكى ئۇكرائىنالىق مۇخبىر ئولىگ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شۇ يەردىكى مۇخبىرلارنىڭ كۆپىنچىسى شەھەر ئەتراپىغا يۆتكەلدى، چۈنكى كۆپچىلىك كەلگۈسىدىكى نەچچە كۈندە شەھەر مەركىزىدە شىددەتلىك جەڭ بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولدى، رۇسپەرەس قۇراللىق كۈچلەر ھۆكۈمەت بىناسى قاتارلىق يەرلەرنى ئىگىلەپلا قالماستىن، شەھەر مەركىزىنى بىر قەلئەگە ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ پوزتسىيەسىمۇ ناھايىتى قەتئىي، تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ قويدى، پورت جېڭى، كېچىلىك جەڭ تەييارلىقىمۇ پۇتۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر كىراماتورسىك، لۇگەنسېك، مارىپول قاتارلىق جايلاردىكى جەڭمۇ شىددەتلىك بولماقتىكەن، يەنە ئۆلۈم-يېتىم كېلىپ چىققان. ئەمما ئۇكرائىنانىڭ قۇراللىق تارماقلىرى شەھەر مەركىزى سىرتىدىكى كىراماتۇرسېكتىن باشقا جاينى كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى تۇرچىنۇۋ: 9-مايدىكى غەلبە كۈنىدە ئېغۋاگەرچىلىككە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، دېدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى 5-ماي بىر تۈرلۈك غەلبە كۈنى پائالىيىتىنىڭ پىلانى توغرىسىدىكى چوڭ پارات ئۆتكۈزمەسلىك، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پىلانىنى تەستىقلىدى.

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ ۋەزىيىتى تېزدىن بىر مەيدان دىپلوماتىيە كىرزىسىگە ئۆزگەردى. غەرب دۆلەتلىرى موسكۋا زوراۋانلىق ھەرىكەتنى مەبلەغ بىلەن قوللىدى دەپ ئەيىبلىدى، رۇسىيە ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىدىن دەرھال ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇكرائىنا تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ، دېدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇنداق دېدى: ئەگەر موسكۋا ئۇكرائىنانىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىنى قالايمىقان قىلىدىغان بولسا، ئامېرىكا رۇسىيەنى ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالاشنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ باياناتچىسى پىسكوۋ مۇنداق دېدى: ئودىسا پاجىئەسىدىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قارشىلىشىش كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، بىز كىيۋ، بىريۇسسېل، ۋاشىنگتوننىڭ يەنە قانداقتۇر سايلامنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىدۇق. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسى ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىۋاسىتە ئودىسا ۋەقەسىنى ناتسسلار جىنايىتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدى. رۇسىيە جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، گېنېرال يىۋاشوۋ مۇنداق دېدى: ئودىسا قانلىق پاجىئەسىدىن كېيىن، بىرلىككە كەلگەن ئۇكرائىنا مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ۋەقە ئۇكرائىنا، رۇسىيە ھەمدە پۈتكۈل ياۋروپانى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئۇكرائىنا فاشىزمى باش كۆتۈرمەكتە، بۇلارنىڭ كەينىدە ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر