باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى مۇناسىۋەتسىز

2014.05.08 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىدا 6-ماي ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى مۇناسىۋەتسىز ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئالدى بىلەن بىز ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە توختالساق جۇڭگو قىسقا مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئالالمايدۇ. ھازىر جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ رولىنى ئوينىغۇدەك مادارى يوق. جۇڭگونىڭ ئىقتىساد كۆلىمىنى ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 10 يىلدا ئامېرىكىدىن ھالقىيدۇ. دەۋرىمىزنىڭ ئاساسىي مېلودىيىسى شۇكى ئامېرىكا دەۋرىدىن كېيىن كۆرۈلىدىغىنى كۆپ قۇتۇپلىشىش ھەرگىزمۇ جۇڭگونىڭ بىردىن بىر چوڭ دۆلەت بولۇپ قىلىشى ئەمەس. قايسى شەكىلدىكى كۆپ قۇتۇپلىشىش بۇنىڭدىكى تۈپ مەسىلە.

  ئامېرىكا تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ ئاساسچىسى جورجى كانان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40–يىللىرىدا ئامېرىكىنىڭ سوۋېتقا تاقابىل تۇرۇش رامكىسىنى بېكىتكەن داڭلىق تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيچىسى. ھازىر ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن رۇسىيىدىن ئىبارەت قوش چەكلىمىنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ قوش تىزگىنلەش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش ئىقتىدارىغا سوراق بەلگىسى قويۇلدى.

  ئاسىيا بىلەن ياۋروپا چوڭ دۆلەتلەر كۈچ سىنىشىش ھالىتىگە قايتىپ كەلدى. شۇنداقلا يەر شارى ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچىنىڭ يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىغاندا ئامېرىكا يەنىلا يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە. ئامېرىكىنىڭ كىشى بېشى كېرىمى جۇڭگونىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو بەلكىم يەنە 40 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە يېتىشى مۇمكىن. بىراق جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈش سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

  جۇڭگو كەلگۈسى ئون يىلنىڭ مەلۇم ۋاقىتتا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بىراق جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. ئامېرىكا يەر شارى تەرتىپىنى قوغداش ئىقتىدارىنى قايتا ھازىرلىيالمايدۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى كەمچىل. بىز يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا كىردۇق. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى يەر شارى تەرتىپى ئامېرىكا بېكىتكەن بىر يۈرۈش خەلقئارا ئاپپاراتنى قۇرۇشتا چۆرىدەلدى. بۇ ئاپپاراتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1994-يىلى ئۇرۇگۋاي ئۇچرىشىش سۆھبىتىنى تاماملاش ئاخىرقى نۇقتا قىلىنغان بىر يۈرۈش خەلقئارا سودا كېلىشىملىرى ئوخشاشلا يەر شارى تەرتىپىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئاساس تىكلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك سودا سۆھبىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولالمىدى. دەۋھە ئۇچرىشىشى سودا سۆھبىتى تۇنجۇقۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئوباما ياۋروپا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىلگىرى سۈرگەن سودا تەشەببۇسىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولمىدى. بۇ ئىككى تەدبىر موداپىئەلىنىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. جۇڭگو تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە كىرگۈزۈلمىدى. رۇسىيىمۇ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا سۆھبىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئەمەس. بىراق ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىككى سۆھبەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەسىر كۈچى يېتەرسىز.

  ئوخشاشلا ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىقا تەسىر كۆرسىتىشىدىنمۇ بۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەر شارىدىكى ئەڭ باي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكا بىر تۈرلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلدى. ئۇ بولسىمۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەرنىڭ كاربوننى ئاز قويۇپ بېرىش تولۇقلىمىسى بېرىشتىن ئىبارەت. لېكىن بۇ بۇلغىمىنى ئاز قويۇپ بېرىش مەبلىغىنىڭ كەم بولۇشى بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى 2009-يىلى كوپېنھاگېن كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا بەرگەن ۋەدىسىدىكى ھەر يىلى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىلىمات ياردىمى بېرىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالمىدى.ئامېرىكا پارلامېنتى ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى يەنە بىر قېتىم توختىتىپ قويدى. ئوبامانىڭ بۇنىڭغا قۇربى يەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو، ھىندىستان ۋە باشقا دۆلەتلەر ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۆزىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىشكە باشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىلانى بويىچە ئۆزگەرتمەكچى بولدى. ئامېرىكىنىڭ يەر شارىنىڭ ئاساسىنى تىكلەش ئەمەلىي كۈچى يەنىلا بار. ھەمدە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئۆزى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولغان يەكۈننى ھاسىل قىلالايدۇ. لېكىن ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش روھىنى ئېنىق ئايرىشى كېرەك. بىز بۇ روھنىڭ بار بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر