باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىن ساھەسى بېقىۋالغان يېتىم بالا ۋە تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلىسا بولمايدۇ

2014.05.06 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى يېقىندا دىن ساھەسىنىڭ يېتىم بالا ۋە تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى بېقىۋېلىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دىن ساھەسىنىڭ يېتىم بالا ۋە تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى بېقىۋېلىش پائالىيىتىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە بەھرىمەن بولىدىغان يۆلەش، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدە «دىن ساھەسىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (دۆلەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسى [2012] 6-نومۇرلۇق)نى تەتبىقلاش كېرەك. دىن ساھەسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلىرى بويىچە، يېتىم بالىلار، تاشلىۋېتلگەن بوۋاقلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بېقىۋېلىنغان يېتىم بالىلار، تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلىسا بولمايدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر