باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە چوڭ سايلىمى قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كېلىش ئالدىدا

2014.05.08 08:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە چوڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنىڭ بېكىتىلىشى ۋە يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىندا ئامېرىكا سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ دەرىجىسىنى دىپلوماتىك ئۆمەك دەرىجىسىگە رەسمىي كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇنىڭغا قارىتا تەھلىلچىلەر بۇ سۇرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 5-ماي، سۇرىيەنىڭ چەتئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى تەشكىلاتى بولغان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلاب كۈچى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ دەرىجىسىنى رەسمىي دىپلوماتىك ئەلچىلەر ئۆمىكىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە غەيرى قوراللار بىلەن ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە پارلامېنتقا 27 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى سۇرىيە چوڭ سايلىمىدىن ئىلگىرى ئۆكتىچىلەرگە مەدەت بېرىپ، ئۇنىڭ چوڭ سايلامغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ھازىرقى پىرېزىدېنت باشارنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى رەت قىلىشتەك مەيدانىنى قايتا تەكىتلەش، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى ئېلىشىشدا ئۆزىنىڭ سۇرىيە ۋەزىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت. بىراق بۇ ھەرىكەت سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسىگە قارىتا، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلاب كۈچى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىر غەلىبىسى، شۇنداقلا يېڭى سۇرىيە ئۆتكۈنچى مۇساپىسىنى ئورنىتىش داۋامىدىكى بىر مۇھىم قەدەم، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلاب كۈچى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى توغرا نام بىلەن دىپلوماتىيە سەھنىسىگە چىقىپ، سۇرىيە خەلقىنىڭ ھەقق份 تەلىپىنى قوللايدۇ. سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلاب كۈچى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى قاتارنىڭ پايتەختى دەۋەدە قۇرۇلغان. ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىقلار ئارقىدىنلا بۇ ئىتتىپاقنىڭ سۇرىيە خەلقنىڭ بىردىن بىر قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. نۆۋەتتە، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلاب كۈچى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى تەخمىنەن 20 دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  رۇسىيە جۇغراپىيەلىك سىياسىي تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  سۇرىيە دەمەشق ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىبراھىم مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كىرىزىس باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئۆكتىچىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلدى ھەمدە ئۆزلۈكسىز ھەربىي ۋە مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىپ كەلدى، ئامېرىكىنىڭ ئۆكتىچىلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى كىشىلەر بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ بولغان ئىدى. ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلاب كۈچى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى سۇرىيە چوڭ سايلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خىيالىدا بولماقتا، بىراق چوڭ سايلامنىڭ مۇساپىسىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، چۈنكى مەيلى سىياسىي ۋەكىللىك جەھەتتىن بولسۇن ياكى ھەربىي ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىن بولسۇن، ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈچى ئاجىز، ياردەمگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋەزىيەتنى ياخشىلىيالمايدۇ.

  نۆۋەتتە، سۇرىيە چوڭ سايلىمىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا، باشارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ نامزات 4-ماي رەسمىي بېكىتىلدى.

  بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر، ئامېرىكا سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلاب كۈچى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىغا 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەردى ھەمدە يەنە سۇرىيەنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئۆكتىچى قۇراللىق كۈچلەرنى مەشىق قىلدۇردى. باش شتابى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تەسىس قىلىنغان ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېقىندا كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشلەردىن، سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئايان بولدى.

  خەلقئارا جەمئىيەت سۇرىيە كرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش يولدا يەنىلا تىرىشماقتا. 3-ماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبىي ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ بىردەك، كۆپ تەرەپلەر قاتناشقان سۇرىيە مەسىلىسى خەلقئارا يىغىنىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك دەپ ھېسابلىدى.

  سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىراق نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرسىدىكى قارشىلىشىش ئۈزلۈكسىز كەسكىنلەشمەكتە. ئەگەر ئىككى تەرەپ ئەڭ ئاخىرى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالسا ياكى قارشىلىشىش ئۇزاققا سۆزلىسە، ئىككى دۆلەتنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىغا تەسىر يېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

  سۇرىيە ئالى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 4-ماي پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى رەسمىي جاكارلىدى. ھازىرقى پىرېزىدېنت باشار ئەسەتنى ئۆز ئىچگە ئالغان ئۇچ كىشى سۇرىيە پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامغا قاتنىشىدىغان نامزاتقا رەسمىي ئايلاندى.

  سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: سۇرىيە ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 4-ماي، نامزاتلىققا ئىلتىماس قىلغان 24 كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە خەلق پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىپ قارار قىلىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرى باشارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھازىرقى سۇرىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ھەجەر ۋە سابىق ھۆكۈمەت مىنىستىرى نۇرىدىن ئىبارەت ئۈچ كىشىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇلار 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىكەن.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: 5-مايدىن باشلاپ، نامزاتلىققا ئېرىشەلمىگەن كىشىلەر ئۇچ كۈن ئىچىدە ئالىي ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

  سۇرىيە سايلام قانۇنىغا ئاساسەن، نامزاتلىق سالاھىيىتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ھەمدە ئاز دېگەندە خەلق پارلامېنتىنىڭ 35 ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسە ئاندىن رەسمىي نامزاتقا ئايلىنىدۇ. رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋىرىگە قارىغاندا پارلامېنتتىكى 250 ئورۇن ئىچىدە 161 ئورۇن باشار رەھبەرلىكىدىكى گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ ئورنى ئىكەن. باشار ئاساد 2000–يىلدىن باشلاپ سۇرىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئىككى قېتىم ئۆتىدى. 2-قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. 4-ئاينىڭ 21-كۈنى سۇرىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەت،رەخىم پايتەخت دەمەشقتە سۇرىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ بۇ يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا 2000-يىلى بىلەن 2007-يىلدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىدا، باشار بىردىن بىر پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن %90 دىن كۆپرەك قوللاش نىسبىتىگە ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر