باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ۋاقىتلىق ئىشچى»نى قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى

2014.05.06 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچى نىسبىتى شۇ ئورۇننىڭ خىزمەتچى ئومۇمىي سانىنىڭ %10 تىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  ماي بايرىمى مەزگىلىدە، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش يەنە بىر قېتىم جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئېلىمىزدە ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچى 30 مىليوندىن ئاشىدۇ، «ۋاقىتلىق ئىشچىلار» نىڭ بۇنداق يامراپ كېتىش ھادىسىسى ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئالالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى»نى بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش بۇ تۈزىتىلمىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا بولدى؛ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلغان «ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»دە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  «ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نىڭ 4-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەندى: «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچى سانىنى قاتتىق كونترول قىلىشى، ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچى نىسبىتى شۇ ئورۇننىڭ خىزمەتچى ئومۇمىي سانىنىڭ %10 تىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.» شۈ شۆجۇڭ ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى تەرىپىدىن جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىغا ئەۋەتىلگەن تېخنىك ئىشچى بولۇپ، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى شىركەت ئۇنى رەسمىي خادىم قىلىپ قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر قانچە يىلدىن بۇيان توكچى سالاھىيىتىدە ئوخشىمىغان شىركەتلەردە ئىشلىدىم، تەخمىنەن يېرىم يىلدا بىر شىركەتكە ئالماشتىم» دېدى. يېقىندا، شۈ شۆجۇڭ شىركەتنىڭ ئۆزى بىلەن رەسمىي توختام تۈزۈپ، مەخسۇس توكچى قىلدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ: «ئەمگەك تارماقلىرى شىركەتنىڭ ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىكەن، بۇ كارخانىغا بېسىم بولغاچقا مېنى رەسمىي ئىشچىلىققا قوبۇل قىلدى» دېدى. بىراق، ھەممىلا ئىشچى ئۇنىڭدەك تەلەيلىك ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋەتىلگەن رېمونتچى، ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان 10 ئىشچىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش توختامى بىكار قىلىندى. شۈ شۆجۇڭ مۇنداق دېدى: ھۈنەرگە خامراق ئىشداشلىرىمنىڭ ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش توختامى بىكار قىلىنسا، بۇرۇنقىچىلىك خىزمەت تاپالىشى ھەقىقەتەنمۇ تەس.

  سۇجۇ شەھەرلىك ئەمگەك كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جۇاڭ جىنىڭ قارىشىچە، «ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىكى ئەۋەتىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقى ھۆددە شىركەتلىرىنىڭ ئىشچىسىغا ئايلىنىشى بىر خىل يۈزلىنىش بولۇپ قالىدىكەن، بۇنىڭغا قارىتا، كارخانىلارنىڭ ساقلاپ قېلىش، رەسمىيلەشتۈرۈش، سىرتقا ھۆددىگە بېرىش، ئىشتىن بوشىتىشتىن ئىبارەت 4 خىل ھەل قىلىش ئۇسۇلى بار ئىكەن. (ۋاڭ ۋىيجيەن، بەي تيەنلياڭ، يې چى خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر