باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى تارىخ قارىشى ھەققىدە قانۇن چىقىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى رولىنى بۇرمىلىغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى بەلگىلىدى

2014.05.07 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىن 5-چېسلا قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ رەسمىي ماقۇللىدى، بۇ قانۇن لايىھەسىدە ناتسىسلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى رولىنى بۇرمىلاش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش قىلىپ بېكىتىلدى ۋە قاماق جازاسى ۋە جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىش بەلگىلەندى.

  پۇتىن 5-چېسلا ئىمزالىغان قانۇن لايىھەسىدە ناتسىسلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى رولىنى بۇرمىلاش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قانۇن لايىھەسى رۇسىيە فېدېراتسىيە يىغىنىدا ماقۇللانغانىدى.

  يېڭى قانۇندا «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھەرىكىتىگە دائىر ساختا-يالغان ئۇچۇر تارقىتىش نىيىتىدە بولۇش» چەكلەندى. يېڭى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ناتسىسلارنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى رولىنى بۇرمىلىغانلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 مىڭ رۇبلى (تەخمىنەن 14 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئاممىۋى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ ئاممىنى قۇتراتقانلار ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر