باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ قەدىناس دوستلۇق خاتىرىسى قانداق بارلىققا كەلگەن؟

2014.05.06 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-مايدىن 11-مايغىچە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئىفوپىيە فېدراتسىيەسى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، نېگىرىيە فېدراتىسيە جۇمھىرىيىتى، ئانگۇلا جۇمھىرىيىتى، كىنىيە جۇمھىرىيىتىدا رەسمى زىيارەتتە بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن 50 يىل ئىلگىرى زۇڭلى جۇ ئېنلەي ئۆمەك باشلاپ ئافرىقىدىكى ئون دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان، بۇ سەپەر يېڭى جۇڭگو دىپلوماتىيە تارىخىدا جۇڭگو ئافرىقا يېڭىچە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتىكى تۇنجى سەپەر دەپ ئاتىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا 50 يىللىق تارىختا يېزىپ چىققان قەدىناس دوستلار خاتىرىسىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان ئىدى.

  1963-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 1964-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە جۇۋ ئېنلەي ئۆمەك باشلاپ تۇنجى بولۇپ ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا ئاتلىنىپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئەرەپ بىرلەشمە جۇمھىرىيىتى يەنى ھازىرقى مىسىر، ئالجىرىيە، ماراكەش، تۇنىس، گانا، مالى، گىۋىنىيە، سۇدان، ئىفوپىيە ۋە سۇمالىدا زىيارەتتە بولغان.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرى ئافرىقا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەڭ ئەۋجىگە چىقتى، 1963-يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا مۇستەقىل دۆلەتلەر 30 دىن ئاشتى، جۇڭگو بۇنىڭ 12 سى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى يىتىم قالدۇرغانلىقتىن جۇڭگو بىلەن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسى كۆپ بولمىدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا جۇ ئېنلەي ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ ئەتراپىمىزغا ئورناتقان چوڭ سېپىلنى بۇزۇپ تاشلىشىمىز كېرەك دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئافرىقىدىكى ئون دۆلەتكە سەپەر يېڭى جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قىلغان سەپىرى ئىدى شۇنداقلا جۇ ئېنلەينىڭ ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق دىپلوماتىيە پائالىىيىتى ئىدى، ئاشكارىلانغان ئارخىپلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئەينى چاغدا جۇڭگونىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى چېگرىدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدىغان بولغاچقا جۇڭگو گوللاندىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىنى ئىجارىگە ئالغان، سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتىن توختامغا ئىمزا قويۇشقىچە 1 ئاي ۋاقىت كەتكەن، ئايروپىلان كۆتۈرەگە ئېلىش ھەققىدىكى ھۆججەتلەرلا 107 گە يەتكەن، ماشىنىغا چىقىش جەھەتتە زۇڭلىنىڭ مەخسۇس ماشىنىسىغا ئەگىشىپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە تاقاىبل تۇرۇش ۋە باش مىنىستىرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن جۇڭگو مۇھاپىزەتچى خادىملار ۋە دوختۇرلار ئولتۇرغان ماشىنا ماڭغان، ئۇنىڭدىن باشقا ماشىنىلار كۆپ بولۇپ كېتىپ، ھەرىكەت قولايسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەمرا بۇلۇپ ماڭغۇچى خادىملارغا ناھايىتى ئاز ماشىنا ئاجرىتىپ بېرىلگەن.

  جۇ ئېنلەي تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى، مەركەز ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سابىق ئەزاسى لياۋ شىنۋېننىڭ دېققەت قىلىشىچە جۇ ئېنلەي بىلەن قارشى تەرەپ رەھبەرلىرى ئافرىقىدىكى زىيارەت داۋامىدا 3 ،4 قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 قېتىم ئۆتكۈزگەن، ھەر قېتىملىق سۆھبەت 2،3 سائەت داۋاملاشقان، بەزىلىرى ھەتتا 3، 4 سائەتكە سۇزۇلغان.

  ئەينى چاغدا ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئاپپاراتلىرى بار ئىدى، بۇنىڭ تەسىرىدە ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە بولغان چۈشەنچىسى تېيىز ئىدى، جۇ ئېنلەي بۇ قېتىمقى زىيارەتنى دوستلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۆزئارا چۈشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا ئۆگىنىش دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ، ئۇ ھەر بىر دۆلەتكە بارسا بۇ دۆلەتنىڭ رەھبىرى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، قارشى تەرەپنىڭ تەشۋىشى ۋە خاتا چۈشەنچىسىنى تۈگىتىشكە تىرىشىدۇ.

  تۇنىسنى مىسالغا ئالساق، ئەينى چاغدا جۇڭگو بىلەن تۇنىس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمىغان ئىدى، جۇ ئېنلەي ئالجىرىيەدە تۇنىسنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى ۋاقىتىنچە قارار قىلىدۇ، خۇاڭ جىنچى جۇ ئېنلەينىڭ تۇنىستا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدىكى تەرجىمانى ئىدى، ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: قارشى ئېلىش زىياپىتىدە تۇنىس پىرېزىدېنتى بۇرگىبا ئاددىيلا ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە پاسسىپ باھا بەردى، پۈتۈن مەيداننى جىددىي كەيپىيات قاپلىدى، باش مىنسىتىر جۇ ئېنلەي بۇنىڭغا جاۋابەن سۆز قىلىپ: ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى پىكىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ ئەمما بۇ ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كېلىپ ،ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ سۆزى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، ئىككىنچى كۈنى مۇئاۋىن باش مىنسىتىر چېن يى بىلەن تۇنىس باش مىنىستىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ كونكېرت ئىشلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى، ئىككى دۆلەت شۇ كۈنىلا رەسمى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  جۇ ئېنلەينىڭ ئافرىقىدىكى سەپىرىنى تولۇق خاتىرلىگەن فۇتۇگراف دۇ شيۇشيەننىڭ خاتىرىسىدە قېلىشىچە جۇ ئېنلەي زىيارەتتە ساھىپخان دۆلەتنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش پوزىتىسيەسىنى ساقلاپ كەلگەن.

  جۇ ئېنلەي گانادا زىيارەتتە بولۇشنىڭ ئالدىنقى بىرقانچە كۈنىدە بۇ دۆلەتتە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، پىرېزىدېنت ئېنكۇلۇما يارىدار بولغان، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى جىددىي بولغان، شۇ چاغدا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر گاناغا بارماسلىق تەكلىپىنى بەرگەن ئەمما باش مىنسىتىر پىلانىنى ئۆزگەرتمىگەن ھەمدە زىيارەتتە بارلىق ھۆرمەت پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن، دۇ شيۇشيەننىڭ ئيېتىشىچە شۇ چاغدا بارلىق پائالىيەتلەر پىرېزىدېنت ئېنكېلۇمانىڭ تۇرالغۇسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كۆپچىلىك سىرتقا چىقمىغان، باش مىنسىتىر جۇ ئېنلەي ئېنكۇلۇما بىلەن تىك تاك تۆپ ئوينىغان، بۇ قېتىمقى زىيارەت گانا ھۆكۈمىتىنى تەسىرلەندۈرۇپ، سىياسىدا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بەرگەن.

  جۇ ئېنلەي زىيارەتتە ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەلىرى بىلەن سەمىمىي دوستلۇق ئورناتقان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ياخشى شېرىكلەردىن بولۇشىغا ئاساس سالغان، جۇ ئېنلەي تۇنجى قېتىم ئافرىقا قۇرۇقلۇقىغا قەدەم باسقان 50 يىلدىن بۇيان، ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو رەھبەرلىك كوللىكتىپى جۇڭگو ئافرىقا دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر