باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇتەخەسسىس: ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىم رايونلىرى كونتىرولسىز قالدى، ئىچكى ئۇرۇش پارتلىشى مۇمكىن

2014.05.06 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-چېسلا ئۇكرائىنانىڭ ئودېسا دېگەن يېرىدە ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى ۋە ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 43 ئادەم ئۆلدى.

  ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 2-چېسلا سەھەردىن باشلاپ، شەرقىي قىسىمدىكى شەھەر سىلاۋىيانىسكىيدا رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەرگە قارىتىلغان ئالاھىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان. ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى قوراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ Mi-24 تىپلىق ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى مۈرىدىمە كاتيۇشا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى، ئىككى ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى دەلىللىدى. كۆزەتكۈچى ۋاڭ باۋفۇنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى بەك يامانلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا بېرىپ قاپتۇ.

  ئۇكرائىنانىڭ بەزى شەھەرلىرى قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالدى، مەسىلەن، سىلاۋىيانىسكىيدا قارشىلىشىش كەيپىياتى ناھايىتى كەسكىن بولۇپ كەتتى. بىر قىسىم رايونلاردا پۈتۈن شەھەر رۇسىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ كونتىروللۇقىغا چۈشۈپ قالدى.

  ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى تېخى ئومۇميۈزلۈك كونتىروللۇقنى يوقىتىش ھالىتىگە بېرىپ يەتكىنى يوق، لېكىن شۈبھىسىزكى، قىسمەن رايونلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر