باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى تېز ئاشتى

2014.05.06 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىدا ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن بولۇپ، 2013-يىلى مەملىكىتىمىزدىكى نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 5519 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 787 يۈەن كۆپىيىپ، %16.6 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە %13.4 نەق ئاشقان، مەملىكىتىمىزدىكى يېزىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىدىن 4.1 پىرسەنت پوئىنتى يۇقىرى بولغان.

  نامرات رايونلار دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنغان ناھىيەلەر ۋە تۇتاش كەتكەن مەركەزلىك نامرات رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ رايونلاردىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ كۆپىيىشىگە تايانغان. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشى نامرات رايونلارنىڭ سانائەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات رايونلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى ئاشۇرغان. يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ۋە مائاش سەۋىيەسىنىڭ تېزرەك ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، 2013-يىلى نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ مائاش كىرىمى %22.7 ئاشقان، پۈتۈن يىللىق كىرىمنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %53.3كە يېتىپ، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالغان.

  2013-يىلى ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي كاپالەت سالمىقى ۋە مالىيە ياردەم چىقىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان، جايلار كۈتۈنۈش، تۆۋەن كاپالەت قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچەملىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆستۈرگەن؛ مەركەز مالىيەسىنىڭ دېھقانلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك تولۇقلىما چىقىمى 170 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. بۇ تەدبىرلەر يۆتكەلمە كىرىمنىڭ تېز ئېشىشىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرگەن. (جۇ جيەنخۇڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر