باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پوچتا پاراخوت كەسپى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ

2014.05.05 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ پوچتا پاراخوت كەسپى تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 3-ئايدا «ئېلىمىزنىڭ پوچتا پاراخوت كەسپىنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. «پىكىر»دە پوچتا پاراخوتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات نىشانى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەمدە ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەر بېكىتىلدى. كەسىپ ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دېدى: بۇ ئېلىمىزنىڭ پوچتا پاراخوت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، ئىشلەپچىقىرىشىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى سۇ تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ مىڭجى يېقىندا «2014-يىللىق جۇڭگو ئىچكى دەريا ۋە يېقىن دېڭىز ئوكيان پوچتا پاراخوت تەرەققىيات سۆھبەت يىغىنى»دا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىشى بېشى كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىز پوچتا پاراخوت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان باسقۇچقا كىردى. ھازىر جۇڭگونىڭ پوچتا پاراخوت كەسپى مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە، پوچتا پاراخوتى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش-قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ سۇ تىرانسپورت كەسپىنى باشقۇرۇشىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى. ھازىر ئېلىمىزدە شاڭخەي، سەنيا، شيامېن، تيەنجىن قاتارلىق 4 پورت پوچتا پاراخوتى مۇلازىمىتىنى ئاچتى. ۋاڭ مىڭجى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ پوچتا پاراخوت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يەنە دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرماقتا، ئىگىلىك باشقۇرۇش شەكلى، ۋە باشقۇرۇش سىياسىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

  پوچتا پاراخوت كەسپى چوڭ تىپتىكى دېڭىزدىكى ھەشەمەتلىك پاراخوتلار تىرانسپورتىنى تىرەك قىلغان، دۆلەت ھالقىغان ساياھەتنى يادرو قىلغان، نۇرغۇن ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان، قاتناش لىنىيەسى تىجارىتىنى ۋاسىتە قىلغان، دېڭىزدا ئېكسكۇرسىيە ساياھىتىنى كونكرېت مەزمۇن قىلغان، قاتناش تىرانسپورتى، پاراخوت ياسىمىچىلىقى، پورت مۇلازىمىتى، ساياھەت، يېمەك-ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، بانكا، سۇغۇرتا قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تەشكىللەنگەن بىرىكمە كەسىپنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىقتىسادى مۇھىم ئامىللار مۇجەسسەملەنگەن، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تورلاشقان، مۇلازىمەت ئوبيېكتى يەرشارىلاشقان ۋە مەدەنىيەت كۆپ مەنبەلەشكەن ئالاھىدىلىككە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر