باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا بولۇشلۇقى ش ئا ئە ت بىلەن رۇسىيەنىڭ تالىشىدىغان مەيدانىغا ئايلاندى

2014.05.05 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى شەھەردە قوللانغان ھەربىي ھەرىكىتى 3-ماي داۋاملىق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەيلى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە بولسۇن ياكى خەۋەرلەردىكى كۆرۈنۈشلەردە بولسۇن، بۇ شەھەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىپ يۈرگەن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىراق 2-ماي ئۇكرائىنانىڭ ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىكى ئۈلگە خاراكتېرلىك ۋەقەگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيەمۇ ئۇكرائىنا تەرەپكە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتتى. بۇ كۆپ تەرەپلەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئەمەلىي كۈچىنى كۆرسىتىدىغان ئېلىشىش مەيدانىغا ئايلاندى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسىن مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا، ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن مانېۋىرى پىلانىنى تەڭشەشنى مۇھاكىمە قىلماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي ياۋروپا رايونىغا ئەسكىرى كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە. رۇسىيەنىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى شۇيگو بۇندىن ئىلگىرى رۇسىيە ئۇكرائىنا چېگراسىدا ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ ۋە ھاۋادىن چارلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى يولغا قويغان ھەربىي ھەرىكەتنى توسىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر