باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ۋەكىلى ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى قارشىلىشىش ئارقىلىق ئەمەس بەلكى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2014.05.05 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لىيۇ جىيى 2-ماي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش ئورگىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تۇتۇۋېلىشىنى، كرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىغا قارشىلىشىش ئەمەس بەلكى سۆزلىشىش شەكلى ئارقىلىق تۇرتكە بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچتى. لىيۇ جىيى سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېقىندا، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىيدىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ھەمدە ئۆلۈم يىتىم ئىشلىرى كۆرۈلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا چوڭقۇر دىققەت قىلىدۇ. جۇڭگو ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى پرىنسىپال مەيدانىنى كۆپ قېتىم شەرھلىدى. جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ، رايون تىنچلىقى ، مۇقىملىقىنى قوغداش ئومۇملىقىنى چىقىش قىلىپ، سوغۇققان ۋە سەۋر تاقاتچان بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ليۇ جىيى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا كرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش بىردىن بىر چىقىش يول. جۇڭگو ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشىگە ياردىمى بولغان ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىغا تۇرتكە بولىدىغان خەلقئارا ياراشتۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلارنى داۋاملىق قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر