- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بان كىمون جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى يادروسىزلاشتۇرۇش شەرتنامىسى كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقىنى قارشى ئالدى
2014.05.07 17:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 6-ماي باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيەدىن ئىبارەت يادرو قوراللىرىغا ئىگە بەش دۆلەتنىڭ شۇ كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يادروسىز رايون قۇرۇش شەرتنامىسىنىڭ كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىغانلىقىنى قارشى ئالدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادا يادروسىز رايون قۇرۇش شەرتنامىسى 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىمزالىغان ھەمدە 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى. شەرتنامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شەرتنامىنى تۈزگۈچى دۆلەتلەر يادرو تەجرىبىسى ئىلىپ بارمايدۇ، يادرو قوراللىرى تەتقىقاتى بىلەن بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، ئىشلەپچىقارمايدۇ، يادرو قوراللىرىنى ۋە باشقا يادرو پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى ساقلىمايدۇ، شۇنداقلا باشقا ئۇسۇللار بىلەن يادرو قوراللىرىدىن پايدىلانمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولمايدۇ، ئۇندىن باشقا شەرتنامىنى تۈزگۈچى دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى يادروسىز رايونلاردا رېئاكتىپلىق يادرو ماتېرىيالىنى ساقلىمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر