باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىدە ئۆلۇم-يىتىم ئېغىر بولدى

2014.05.05 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر قانچە كۈن قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقىتىن، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىيدىكى باداخشان ئۆلكىسىدە 2-ماي تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بەردى. ئافغانىستان دۆلەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 3-ماي مۇنداق دېدى: مەن ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاپەتتە 600 دىن 900 گىچە كىشى قازا قىلغان. بۇ سان يەنە داۋاملىق كۆپىيىشى مۇمكىن.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكى مۇنداق دېدى: ئافغانىستان دۆلەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلماقتا ۋە ماسلاشتۇرماقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى ئورگانلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ ياردەم بەرمەكتە. ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزائى شۇ يەردىكى ئارمىيەنىڭ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى، ئافغانىستاننىڭ 2- مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا باردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر