1- ماي دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق-تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدە كوللېكتىپ توي ئۆتكۈزۈلدى. كوللېكتىپ تويغا قاتناشقان 15 جۈپ قىز يىگىتنىڭ ئىچىدە خەنزۇلارمۇ، ئۇيغۇرلارمۇ بار، دېھقانلارمۇ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىمۇ بار. پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان جۇ چيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئارقىلىق بىز زامانىۋى مەدەنىيەت ئامىلى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى توي ئادىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، مېھمانلارغا ناخشا ئۇسۇل ۋە خۇشاللىق تەقدىم قىلىپ، ياشلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇتتۇق. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ئەخمەت مەتنىياز دا موللام مۇنداق دېدى: ئىسلام دىنىدا تېجەشچان بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، بەس تالىشىپ ھەشەمەتچىلىك قىلىشقا قارشى تۇرىلىدۇ، كوللېكتىپ توي قىلىش بۇ جەھەتتىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. توي قىلغاندا ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناشتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ئادىتىگە ۋارسلىق قىلىنغان بولۇپ، بۇ ياشلارغا نىسبەتەن تەربىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە.