باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن شەھەرلەر ئۆي بازىرى سىياسىتىنى بوشىتىشقا باشلىدى

2014.05.05 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ئۆي بازىرىنى قوش يۆنىلىشلىك تەڭشەپ كونترول قىلىش يېتەكچى سىياسىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن شەھەرلەر سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش دائىرىسىنى تەڭشەپ، نوپۇس چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، مالىيە باج جەھەتتە قوللاپ، كۈنسايىن كاسات بولىۋاتقان ئۆي بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  بۇ يىل 3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، خاڭجۇ، چاڭشا، ۋېنجۇ، فۇجيەن قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا ئۆي بازىرىنى تەڭشەش سىياسىتى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى. كەسىپ ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دېدى: ئۆي بازىرى داۋاملىق سۇس بولىۋاتقان، زاپىسى كۆپ بولۇپ ئازايمايۋاتقان بېسىم ئاستىدا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتىنى بوشىتىش قىزغىنلىقى بارغانچە كۈچلۈك بولماقتا. نۆۋەتتە مەركەزنىڭ ئۆي بازىرى سىياسىتىگە تېگىشنىڭ تەسلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، بەزى جايلار سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش دائىرىسى، نوپۇس سىياسىتى قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سىياسەتنى پەيتىن-پەي بوشاتتى. سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتىنى بىۋاسىتە بوشىتىشتىن باشقا، بەزى شەھەرلەر يەنە باجنى ئازايتىش، مەبلەغ تولۇقلىمىسى، قەرز بېرىشنى قويۇۋېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆي مۈلۈك بازىرىدىكى سېتىۋېلىشنىڭ ھاياتى كۈچىنى قوزغاتتى. مۇتەخەسسىسلەر: بۇ خىل بوشىتىش، تەڭشەپ كونترول قىلىش يۈزلىنىشى يەنىمۇ داۋاملىشىشى مۇمكىن، دېدى. جۇڭگو كۆرسەتكۈچ تەتقىقات يۇرتى ئوتتۇرا جۇڭگو بازىرى باش نازارەتچىسى لى گوجېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: 2-پەسىللىك سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سانلىق مەلۇمات داۋاملىق تۆۋەن بولسا، بازارنى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەگىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمى ئۆي بازىرى سىياسىتى ئازراق تەڭشىلىدىغان كۆزنەك مەزگىل بولۇشى مۇمكىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر