- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئوبامانىڭ ئاسىيا، تىنچ ئوكيان سەپىرىدە جۇڭگوغا كەلمىگەنلىكىگە نىسبەتەن ئىپادە بىلدۈردى: كەلسۇن-كەلمىسۇن، جۇڭگو ئۈچۈن بەرىبىر
2014.04.29 16:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈنكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېقىندا بەزى تاراتقۇلارنىڭ زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ بۇ قېتىملىق ئاسىيا، تىنچ ئوكيان سەپىرىدە جۇڭگوغا كەلمەسلىكى جۇڭگوغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن خەۋىرىگە دىققەت قىلىپ قالدىم. جۇڭگوغا قارىتىلغان بولسۇن-بولمىسۇن، بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا، نېمە قىلىدىغانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك. جۇڭگوغا كېلىش-كەلمەسلىك مەسلىسىدە، بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا، كەلگىن ياكى كەلمىگىن، مەن ئۈچۈن بەرىبىر. (جيا يۆ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر