باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەڭ گۈزەل ئائىلىنى تېپىش پائالىيىتى باشلاندى

2014.04.29 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 2-ئايدا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئەڭ گۈزەل ئائىلىنى ئىزدەش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغاندىن بۇيان، جايلاردىكى ئاياللار بىرلەشمىلىرى كۆپ خىل شەكىللەر ۋە مول پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىپ، ئەڭ گۈزەل ئائىلە ۋە تەسىرلىك ھېكايىلەرنى تېپىپ چىقىشقا جەلپ قىلدى.

  خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى بەيبۇتىڭ مەھەللىسىنىڭ قېينانا ۋە كېلىننى ماختاش پائالىيىتى ئائىلە مۇناسىۋىتىدە ھەل قىلىش قىيىن بولغان قېيىن ئانا ۋە كېلىن مۇناسىۋىتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان بولغاچقا ئاھالىلەر ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشلاندى، شەنشى ئۆلكىسى ئەنكاڭ بەيخې ناھىيەسى خۇافاڭ كەنتىدە ئېچىلغان ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى ئاشكارا كۆرسىتىش يىغىنى بىر مەھەل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرى ئېتىبارىغا ئېرىشتى، ھويلا، ئېتىز باشلىرى، چايخانىلاردا كۆپچىلىكنىڭ مۇنازىرە تېمىسى ئاساسەن مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتى.

  بىر تورداش بىلوگىدىكى ئەڭ گۈزەل ئائىلە دېگەن تېمىغا: بۇ بىر مەيدان ئالاھىدە گۈزەللىك تاللاش مۇسابىقىسى بولۇپتۇ، تەسىرلىك ھېكايىلەر كۆپ، ئۇنىڭدا بەخت ئۇقۇمى بار، بۇ مەدەنىيەت ئېقىمى دېدى.

  ئىگەللىنىشىچە، ئەڭ گۈزەل ئائىلىنى تېپىپ چىقىش پائالىيىتى 3 ئاي ئۆتكۈزۈلىدىكەن، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن ھەمدە 15-ماي خەلقئارا ئائىلە كۈنىدە بىر تۈركۈم گۈزەل ئائىلىلەر بارلىققا كېلىدىكەن، كىشىلەر بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش جەريانىدا بەختنى ، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى يېڭىباشتىن ھېس قىلىپ، ئىناق مەدەنىي ئائىلە قۇرۇشتىكى كۈچلەرنى مۇجەسسەملەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر