باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار مەخسۇس كاتىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى «چىرىكلىك دەللالى» بولۇپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىۋاتىدۇ

2014.04.28 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   ئالدىنقى ئايدا، «چۈفۇدىكى شەھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارغا كاتىپ سەپلەپ بېرىلمەيدۇ» دېگەن خەۋەر كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 20-مارت، چۈفۇ شەھەرلىك پارتكوم كاتىپ سەپلەش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى، چۈفۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 نەپەر رەھبىرىي كادىرنىڭ مەخسۇس كاتىپىنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى.

  چۈفۇ شەھىرى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، مەركەزنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بۇ شەھەرنىڭ رەھبەرلىرى مەخسۇس كاتىپ سەپلەپ ئىشلەتسە بولمايدۇ.

  بۇلتۇر يۈننەن ئۆلكىسى، گۇاڭشى ئۆلكىسى ۋە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پىڭشەن ناھىيەسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەخسۇس كاتىپلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇ جايلارنىڭ مەخسۇس كاتىپلارنى تۇنجى قېتىم مەركەزلىك تازىلىشى ئەمەس.

  2003-يىلى، سىچۈەن ئۆلكىسى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە مەخسۇس كاتىپ سەپلىمەسلىكنى بەلگىلىدى، قىسقىغىنە يېرىم يىل ئىچىدە پۈتۈن ئۆلكە بويىچە شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ 2000 دىن ئارتۇق مەخسۇس كاتىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 2005-يىلى، سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس كاتىپىنى يەنە بىر قېتىم تازىلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئارقىدىنلا ئەنخۇي ئۆلكىسى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفىڭ شەھىرىمۇ بۇ ھەقتە بەلگىلىمە چىقاردى، چىفىڭ شەھىرىنىڭ خۇڭشەن رايونى ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك 11 نەپەر پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ مەخسۇس كاتىپىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر