باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تور تازىلاش 2014-يىللىق ھەرىكىتى

2014.04.29 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش ئىشخانىسى 24-ئاپرېل سىنا تورىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، سىنا شىركىتى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تورداشلار ۋە جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئەپۇ سورىدى ھەمدە جازانى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ئاكتىپ ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىنا تورى كىتاب ئوقۇش قانىلى تەمىنلىگەن 20 تور ئەسىرى ۋە سىنا تور ۋىدىيوسى تەمىنلىگەن 4 ئىنتېر تورى ۋىدىيولۇق پىروگراممىسى شەھۋانىي مەزمۇندىكى ئەسەر دەپ بېكىتىلدى، بېيجىڭ شەھىرى مەدەنىيەت بازىرى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى باش ئەترىتى سىنا شىركىتىگە «ئىنتېر تورىدا نەشىر قىلىش ئىجازەتنامىسى» ۋە« تورىدا ئۈنسىن پىروگراممىسى تارقىتىش ئىجازەتنامىسى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى جازا ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزدى، نۆۋەتتە جىنايەت شەكىللەندۈرگەن قىسمەن خادىملار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  سىنا تورىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان پىروگراممىلار ئاشكارىلانغاندىن كېيىن سىنا تورىنىڭ ئاساسى بېتىدە ئاشكارا ئەپۇ سوراش خېتى ئېلان قىلىندى، باشقا تورلارمۇ ئارقا ئارقىدىن مۇشۇنداق قىلىپ، پاش قىلىش مەخسۇس رايونى، ئاشكارا پاش قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىپ، تور ئەھلىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالدى، سىنا شىركىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مەملىكەتلىك سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشرىياتچىلىققا زەربە بېرىش ئىشخانىسى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ توردا شەھۋانىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا زەربە بېرىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بەردى، مەيلى تور بېكەتلىرىنىڭ كۆلىمى قانچىلىك كەڭ ، تور بېكەتلىرىنىڭ تەسىرى قانچىلىك چوڭ بولسۇن، ھەممىسىنى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنىڭ ئالدىغا قويۇشقا بولمايدۇ، شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلا بولسا چوقۇم قانۇن بويىچە زەربە بېرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر