uyghur.people.com.cn/ شى جىنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى
شى جىنپىڭ ، ئەر ، خەنزۇ ، 1953-يىلى شەنشىنىڭ فۇپىڭدا تۇغۇلغان . 1974-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى ماركىسزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن ، قانۇنشۇناسلىق دوكتۇرى . 2012-يىلى 15-نويابىر 18-نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.
4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈردى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدىكى ئابدۇقېيۇم روزىنىڭ ئۆيىدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ باھار يامغۇرىغا قارىماستىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۇنىۋېرسال مەشىق مەيدانىغا كېلىپ، قىسىمنىڭ قارىغا ئېتىش قاتارلىق ئەمەلىي مەشىق مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ جاپالىق ۋە ئېغىر مەشىقلىرىدىن نامايان بولغان يۇقىرى ساپاسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، «مانېۋىر ياخشى بولدى» دەپ ماختىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈردى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ نەزەرباغ ساقچىخانىسىدا مەشىق قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.



  28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتى ئاھالىسى ئابدۇقەييۇم روزىنىڭ ئۆيىگە باردى.

  شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ، مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، قاچىلاش، توشۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەنى 6-دىۋىزىيەسىدە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋە بىڭتۈەننىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

 30-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ياڭخاڭ مەسچىتىگە بېرىپ، بۇ مەسچىتنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپجان، مۇتىۋەللىسى بەكرى ياقۇپ قاتارلىقلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشنى باشتىن-ئاخىر تەكىتلەپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ھۆكۈمەتلەر مەركەزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى مۇھىم فاڭجېنلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنى خىزمەتنىڭ دىققەت نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىناق-ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، ئىلغار، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
  باھاردىكى شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرى گۈزەل تۈسكە كىرگەن ئىدى. شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، 27-ئاپرېلدىن 30-ئاپرېلغىچە قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، كارخانا، قىسىم، مەكتەپ، ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىلىرى، مەسچىت ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ھەم ئۇزۇن مۇددەت شىنجاڭدا ئىشلىگەن بىر قىسىم پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
  شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل سەھەردە قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسىغا بېرىپ، قورال-جابدۇق ۋە مەشىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاساسىي قاتلام جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مەشىق قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ سىياسىي، ھەربىي، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، ئەر-ئايال، قېرى-ياشلار بىلەن كۆرۈشۈش، ئىش بولسا-بولمىسا ئەھۋال سوراش، مەسىلە بايقالسا ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش خىزمەت تەجرىبىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۆزلۈكسىز ماسلىشىپ ئىستىل ئۆزگەرتىپ، ئۇسۇلنى ياخشىلاپ، بىر تەرەپتىن ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەردىن ساقلىنىش ھەم زەربە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەتنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. كەنت كادىرلىرى باش سېكرېتارغا كەنتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ چىڭ تۇتۇلغانلىقى، يەنە بىر قىسىم ئالاھىدە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، يۇرتداشلارنىڭ ئىناق، ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقى، ئامانلىقنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىڭلار سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش يولىنىڭ داغدام، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
  شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنى بىر تۇتاش تەشكىللەپ، زور بىر تۈركۈم ئورگان كادىرلىرىنى ئاجرىتىپ كەنتلەردە تۇرۇشقا ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن، كەنتتە تۇرۇۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت ئاھالىلىرىدىن پىكىر ئېلىۋاتقان نەق مەيدانغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئاممىنىڭ قايسى پىكىرلەرنى بەرگەنلىكى، ئامما ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى كەنتتە ھەل قىلىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. شى جىنپىڭ كەنت كادىرلىرى بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلارنىڭ كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپرەك مەسلىھەتلىشىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ، كەنتتىكى ھەر بىر ئىشنى ياخشى بېجىرىشىنى ئۈمىد قىلدى، كەنتتىكى پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى باش سېكرېتارغا سالام بەردى، شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلىدى ھەم ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
  كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئانچە يىراق بولمىغان توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن جاراڭلىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز كېلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كەلگەندە، مەكتەپ مۇدىرى باش سېكرېتارغا پۈتۈن مەكتەپتە 12 سىنىپ بارلىقى، ھەممىسىدە قوش تىل دەرسى ئېچىلغانلىقى، ناھايىتى ياخشى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ بارلىقىنى تونۇشتۇردى، شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ 6-يىللىق 1-سىنىپقا كىرىپ، ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ «قەشقەردە مېھمان بولۇڭ» دېگەن تېكىستنىڭ بىر قىسمىنى دېكلاماتسىيە قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى، ئۇلارنى بىلىدىغان خەنزۇچە خەتلىرىڭلار كۆپ، تەلەپپۇزۇڭلار توغرا ئىكەن، ناھايىتى ياخشى دېكلاماتسىيە قىلدىڭلار دەپ ماختىدى. شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپ تەشەببۇس قىلغان «بارلىقىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقى ئۈچۈن» دېگەن قاراشنى ياخشى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇردى. تەنتەربىيە مەيدانىدا، بىر توپ ئوقۇغۇچى ئارغامچا ئاتلاپ، تەپكۈچ تېپىپ، پۇتبول ئويناۋاتاتتى، بالىلار باش سېكرېتارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، باش سېكرېتارنىڭ قېشىغا كەلدى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ھەر بىر بالىنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋە قىلدى. خوشلىشىدىغان چاغدا، بالىلار «شى جىنپىڭ بوۋىنىڭ يەنە كېلىشىنى قارشى ئالىمىز» دەپ توۋلىدى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى.
  شى جىنپىڭ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئايرىلىپ، كەنت ئاھالىسى ئابدۇقەييۇم روزىنىڭ ئۆيىگە باردى، ساھىبخان ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمان كۈتۈش ئادىتى بويىچە، شى جىنپىڭغا دوپپا كىيدۈردى. شى جىنپىڭ ياتاق ئۆي، ئاشخانا، قوتان، باغ ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. خۇشخەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ھويلىغا يىغىلدى، شى جىنپىڭ يۇرتداشلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. كەنت ئاھالىلىرى يېزىلاردا يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. كەنت ئاھالىسى روزى مۇھەممەت بۇ بىر قانچە يىلدىكى پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى قانچە سۆزلىسەك تۈگىمەيدۇ دېدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىم مەركەزنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان-ئالمىغانلىقىنى كۆرگىلى كەلدىم. پارتىيەنىڭ بارلىق سىياسىتى-ئەلرايىغا ئۇيغۇنلىشىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى چۆرىدەپ تۈزۈلۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. بىزنىڭ كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىمىز چوقۇم ئاممىنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەيدىغان مۇستەھكەم قورغانغا ئايلىنىشى لازىم. مۇشۇنداق بولغاندا، مەيلى مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش، مەيلى تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش بولسۇن، ھەممىسىدە يېتەرلىك كۈچ، يېتەرلىك غەيرەت پەيدا بولىدۇ. قاۋۇل مۇھەممەت غېجەك بىلەن «بىزنىڭ شىنجاڭ گۈزەل جاي» دېگەن مۇزىكىنى چالدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇشۇ مۇزىكىدا ئىپادىلەنگەن غايىدەك گۈزەل بولۇشىنى تىلىدى.
  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قوغۇن-تاۋۇزنى ئاساس قىلغان شىنجاڭنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ئالاھىدە يېڭى دېھقانچىلىق مەھسۇلات تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يىللىق سېتىش سوممىسى بىر مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ. شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ، مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، قاچىلاش، توشۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ زامانىۋىلاشقان سودا مال ئوبوروت كارخانىسىنى ماختىدى، ئۇلارنى مال ئوبوروتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مېۋىچىلىك تەرەققىياتى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
  شۇ كۈنى شى جىنپىڭ قەشقەردە خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، بايىنغولىن قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست مەسئۇللىرىنىڭ دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئۇلار بىلەن ئارىلاپ-ئارىلاپ ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدا كىشىنى روھلاندۇرىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ئۆزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە يېتەرلىك تەرەققىيات كۈچى بارلىققا كەلدى. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە بازار تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش؛ 2-، 3-كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈر ئېچىش، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى قىلىشتا، كىم مەبلەغ سېلىشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورنىنى كۆپەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش؛ ھەر مىللەت ئاممىسى دۇچ كەلگەن مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئۆي قاتارلىق مەسىلىلەر، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك سۇ، يول، توك، گاز قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىشىغا ئەستايىدىل ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئەلرايى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش، تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاممىغا قىلىدىغان ئىش تېپىپ بېرىپ، ئاممىنى پۇل تېپىش، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدىكى مۇجەسسەملىكىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈشتىكى ئىجابىي كۈچنى ئۆزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش كېرەك.
  شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ 29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بىڭتۈەن 6-دىۋىزىيىسى ئىتتىپاق كومىتېتى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى شىنجاڭ يىنفېڭ يېزا ئىگىلىك جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، تىراكتور، يەر ھەيدەش ماشىنىسى، يەر تۈزلەش ماشىنىسى، سېيالكا ، دورىلاش ماشىنىسى، كېۋەز يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، بىڭتۈەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇش جەھەتتىكى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، قوللىنىش ئىقتىدارىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مەيدان ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ باش سېكرېتارغا سالام بەردى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ بىڭتۈەنگە يىلتىز تارتىپ، پولك-مەيدانلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ يەنە دىۋىزىيە ئىشتابىدا يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي، خەلق ئەسكەرلىرى، قورال-جابدۇقلارنى كۆزدىن كەچۈردى، خەلق ئەسكەرلىرى كوماندىر-جەڭچىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە ساپا ۋە مەشىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زىممىسىدىكى ئالاھىدە مەجبۇرىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
  ئارقىدىن ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، شى جىنپىڭ بىڭتۈەن مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالاقىدار يولداشلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى، بىڭتۈەننىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مۇھىم يوليورۇق بەردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بىڭتۈەننى قۇرۇش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى، چېگرىنى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تاكتىكىسى. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىڭتۈەن خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چوقۇم بىڭتۈەن خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، نېگىزلىك، ئاساسلىق، ئۇزۇن مۇددەتلىك مەسىلىلەردىن كۈچ چىقىرىش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، رايونلارنىڭ ماسلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نوپۇس بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇشتىكى ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۈەننى چېگرىنى مۇستەھكەملەشتىكى تۇراقلاشتۇرغۇچ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان چوڭ پېچ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش لازىم. بىڭتۈەننىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، چېگرىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق بىڭتۈەن قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بىڭتۈەننىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە سىياسىي جەھەتتىن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەت جەھەتتىن كۆپرەك قوللاپ، تۇرمۇش جەھەتتىن كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىپ، يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ ھەر مىللەت كادىرلىرىنى بىڭتۈەنگە كېلىپ ئىشلەشكە جەلپ قىلىش لازىم.
  شى جىنپىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇ 30-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ياڭخاڭ مەسچىتىگە بېرىپ، بۇ مەسچىتنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپجان، مۇتىۋەللىسى بەكرى ياقۇپ قاتارلىقلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ داموللا، ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا، ئاپتونوم رايونلۇق بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شيا لىۋەن، سانجى شەھەرلىك شەنشى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى كۇ جېنفا قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى، شى جىنپىڭ ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ دىنىي ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە بايرىقى روشەن قارشى تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىلمىي ۋەز-تەبلىغ ئارقىلىق، دىنىي ئەقىدىلەرنى توغرا ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى خاتىرجەم ھالدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تۇرمۇشنى ياخشىلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ چوقۇم ھەقىقەتنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ، مەيدانىنى پۇختىلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ۋەتەن ۋە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تۆھپىسىنى قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  شى جىنپىڭ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئىلگىرىلەشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئەھۋالى، روھىي ھالىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى قەتئىي بوشاشماي ئىشقا ئاشۇرۇش شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەلرايىنى مايىل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقىچە، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشكىچە، ئىتتىپاقلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. بولۇپمۇ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك.   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكى-پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇقىملىقى ئومۇملۇقىغا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. مىللىي بۆلگۈنچىلىكگە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش-دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتى شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، توغرا ۋەتەن قارىشى، مىللەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش باش تېمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالدىن قول سېلىپ، دۈشمەنلەرنى چۆچۈتۈپ، خەلققە ئىلھام بېرىش لازىم. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار ئىدىيە ۋە سەمىمىي، گۈزەل سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن جامائەت پىكرى تەشۋىقات بازىسىنى پۇختىلاش كېرەك.   شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، بۇنىڭدا ئاساسلىقى پۇختا كادىرلار قوشۇنى، تەلەپچان ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، كارغا كېلىدىغان ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمىغا تايىنىش كېرەك. بۇ ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىشتا، نۆۋەتتىكى بىر مۇھىم ۋاسىتە-پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدىن ئىبارەت. مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، ھاكىمىيەتنى پۇختىلاش يۈكسەكلىكىدىن مەسئۇلىيەتنى تونۇپ يېتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، دېگەن ھامان ئۆزگەرتىش تەلىپى بويىچە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلقپەرۋەر بولۇش، خەلقنى سۆيۈش، ئەمەلىي، پاك-دىيانەتلىك بولۇش ئۆلچىمى بويىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى چىڭىتىپ، كادىرلارغا كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى ياخشى تاللاپ ۋە كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلىنى يادرو قىلغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش؛ ئاممىۋى خىزمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەت ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، ئاممىۋى خىزمەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىيدا مۇستەھكەم، كۈچلۈك، بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش-شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. توغرا ئۆلچەم، مۇۋاپىق قۇرۇلما بويىچە كادىرلارنى تاللاپ، كوللېكتىپنى سەپلەپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك كادىرلارنى ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلالايدىغان سەھنىگە ئېرىشتۈرۈش؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپلىرىنىڭ ئومۇمىي فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ئۇزۇن مۇددەت شىنجاڭدا ئىشلىگەن كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى مۇنەۋۋەر كادىرلارغا قارىتا، خىزمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆي، تەمىنات، شەخس ۋە ئائىلە بىخەتەرلىكى جەھەتتىن ئالاقىدار سىياسەت تۈزۈش؛ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىدىيە-ئىستىلى دۇرۇس، پارتىيەگە سادىق، ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى پائال تەربىيەلەش ۋە دادىل ئىشلىتىش كېرەك.
  ۋاڭ خۇنىڭ، فەن چاڭلوڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ جېڭۋېي ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

بەت لايىھەلىگۈچى، مەسئۇل مۇھەررىر: ئالىم راخمان
نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
010- 6536 8367/ 010- 6536 8365
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved
چوققىغا قايتىش