باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە تاراتقۇلىرى: ياپونىيە جۇڭگو ۋە كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى

2014.04.29 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيەنىڭ مۇھىت مىنىستىرلىرى يىغىنى 28-ئاپرېل كورىيەنىڭ داگۇدا ئۆتكۈزۈلگەن، يىغىننىڭ مەقسىتى PM2.5 قاتارلىق بۇلغىما ماددىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تېزگىنلەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئىكەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيەنىڭ مۇھىت مىنىستىرلىرى يىغىنى 1999-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ يىلقىسى بولسا 16-نۆۋەتلىكى ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە يىغىندا ئۈچ دۆلەت بۇلغىمىنى ئازايتىش تېخنىكىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە تۈرلۈك مۇھىت سىياسەتلىرى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىدىكەن، ياپونىيە يەنە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگو بىلەن بولغان شەھەرلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى مۇھىت مىنىستىرلىرى يىغىنى ئارقىلىق جۇڭگو ۋە كورىيە بىلەن بولغان قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگو ۋە كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر