باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە تاراتقۇلىرى پاراخوت ۋەقەسى ھۆكۈمەتنىڭ بىخەستەلىكىدىن بولغان دەپ قارىدى

2014.04.29 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە «مەركەز گېزىتى» 28-ئاپرېل ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كورىيە «يىللار» ناملىق پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى سۈنئىي ئاپەت شۇنداقلا ھۆكۈمەت پەيدا قىلغان ئاپەت. گەرچە ۋەقەنىڭ باش مەسئۇلىيىتى يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە سەل قارىغان كاپىتان ۋە ماتروسلاردا بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ پاراخوت بىخەتەرلىكى ۋە سۇ قاتنىشىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىخەستەلىك قىلىشى-ۋەقەنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تۈپ سەۋەب.

  ئوبزوردا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىيۇروكرات باشچىلىق قىلىش جەريانىدا، كورىيە بىيۇروكراتلىقنى مەركەز قىلغان تۈزۈمنى شەكىللەندۈردى. بىيۇروكراتلىقنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىگە بارغانسېرى چوڭقۇر كىرىشىگە ئەگىشىپ، بىيۇروكراتلىق بىلەن قارا قوللار پارتىيەسى بىرلىشىشنىڭ سەلبىي تەسىرى تەدرىجىي گەۋدىلەندى.

  باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، كورىيە پىرېزىدېنتى پاك گۈنھى باش مىنىستىر جۇڭ خوڭۋوننىڭ ئىستىپا تەلىپىنى تەستىقلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر