باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخ پەرقى پەقەت %5 گە يېتىدۇ

2014.04.29 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئانالىز خەۋەرلىرى»نىڭ 27-ئاپرېلدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بوستون سۈرۈشتە قىلىش شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلات نەتىجىسىدە كۆرستىلىشىچە، ئاساسلىق رىقابەتچىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ رىقابەت كۈچى يېقىنقى 10 يىلنىڭ ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغان.

  فرانسىيە «فوجالو گېزىتى» تورىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخ پەرقى %5 گىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا كارخانىلىرى نېمىشقا جۇڭگوغا بېرىپ ئىشلەپچىقىرىشىنى خالايدۇ؟ بوستون سۈرۈشتە قىلىش شىركىتىنىڭ بۇ دوكلاتقا بەرگەن جاۋابى بولسا: بۇ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخ پەرقىنى ھېسابلىغان ۋاقىتتا خەلقئارا توشۇش تەننەرخىدىن ئىبارەت ئامىل ئويلىشىلمىغان.

  بۇ دوكلاتتا ئۆز ئىچىگە ئېلىنغىنى بولسا پەقەتلا جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئەمەس ئىكەن. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن 10 يىلنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت تەرەپتىكى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 25-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشىنى پەرەز قىلىپ چىققان: بۇ بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن رايونلارنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ شۇ تۈردىكى ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ %90 نى ئىگىلەيدىكەن. مائاشتىن باشقا، ھېسابلاشقا ئېلىپ كىرىلگەن كۆلەملەر بولسا يەنە تۆت چوڭ ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: رىقابەت كۈچىنىڭ ئۆزگىرىش، تەبىئىي گاز باھاسى بىلەن ئېلېكتر كۈچى باھاسى، ئۇنىڭدىن باشقا تۆت چوڭ ئاساسلىق ئامىل بولسا يەنە ئۆز ئىچىدىن پېرېۋوت نىسبىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2004-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ھەر قايسى ئامىللارنىڭ ئارىسىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن: «نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر مائاشىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى %10 دىن %20 گە يېتىش، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى بىر ھەسسە ئېشىش، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئەكسىچە ئامىللار ساقلىنىش. پېرېۋوت نىسبىتىمۇ شىددەت بىلەن داۋالغۇش بولغان — بىر قىسىم دۆلەتلەر پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى %20 تۆۋەنلەپ كېتىش ھەمدە ئۆرلەش نىسبىتى %35 گە يېتىش. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تەننەرخى %50 دىن %200 گە ئۆرلەش».

  رىقابەت كۈچى تەرەپتىن، ئامېرىكا بولسا ئۇتقۇچى بولۇپ چىققان. نۆۋەتتە پەقەت يەتتە دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى يەنىلا ئامېرىكىدىن تۆۋەن بولغان، ئۇلار بولسا ھىندونېزىيە، ھىندىستان، تايلاند، مېكسىكا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، تەيۋەن رايونى ۋە رۇسىيە قاتارلىق رايونلار ئىكەن.

  بوستون سۈرۈشتە قىلىش شىركىتى دوكلاتىدا بۇ 25 دۆلەت ۋە رايونلارنى تۆت چوڭ كۆرۈنەرلىك بولغان ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا بۆلۈپ چىققان. ئالدى بىلەن بىر قىسىم مائاشنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولۇشى، نۆۋەتتە «مائاش يۇقىرى ئۆرلەش بېسىمى» غا يۈزلەنگەن دۆلەتلەر، ئۇلار ئاساسلىق برازىلىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، پولشا ۋە چېخ قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بوستون سۈرۈشتە قىلىش شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلات نەتىجىسىگە ئاساسلىنىپ دېيىشىچە، ئاساسلىق رىقابەتچىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ رىقابەت كۈچى يېقىنقى 10 يىلنىڭ ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر