باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: 2013-يىلى رۇسىيەنىڭ ھەربىي تېخنىكا ئېكسپورتىدا رېكورت يارىتىلدى

2014.04.29 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە پىرېزدېنتى پۇتىن يېقىندا رۇسىيە بىلەن چەتئەللەرنىڭ ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق كومىتېتلىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2013-يىلى رۇسىيەنىڭ ھەربىي تېخنىكا ئۈسكۈنىسى ئېكسپورت تالونىنىڭ ئومۇمىي قىممىتىدە رېكورت يارىتىلىپ، 49 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەنىڭ ھەربىي تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلار ۋە ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى 2013-يىلى 24 خەلقئارالىق كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، قىممىتى 18 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۇزۇن مەزگىللىك يېڭى توختامنى ئىمزالىدى.

  پۇتىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە دۇنيا بازىرىدىكى سەرخىللاردىن بىرى، قورال-ياراق ئېكسپورتى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئەمگىكىمىز ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ زامانىۋى ھەربىي تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى لايىھەلەپ ۋە ئىشلەپچىقىرىپ، خەلقئارا قورال-ياراق بازىرى رىقابىتىدە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر