باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەردوغان قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئەرمەنلەرگە تەزىيە بىلدۈردى

2014.04.29 09:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئەنقەرە، 24 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان 23 – ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئوسمان ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئەرمەنلەرگە تۇنجى قېتىم تەزىيە بىلدۈردى.

  ئەردوغان باياناتتا مۇنداق دېدى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوسمان ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە قەتلى قىلىنغان ئەرمەنلەرنىڭ روھىنىڭ ئەمىن تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ.

  بۇ تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ تارىختىكى بەس – مۇنازىرە كۆپ بولغان ئەرمېنىيە چوڭ قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ھۆكۈمەت نامىدىن تۇنجى قېتىم تەزىيە بىلدۈرۈشى.

  1915 – يىلىدىكى ‹‹ئەرمېنىيە چوڭ قىرغىنچىلىقى›› 1915 – يىلى 24 – ئاپرېل تۈركىيە ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلدا ئەرمەنلەرنىڭ نەچچە يۈز رەھبىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان ھەم ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقەنى كۆرسىتىدۇ. ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى: شۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئوسمان ئېمپېرىيەسى ئەرمەنلەرنى كەڭ كۆلەمدە قىرىشنى توختاتمىغان، دەپ قارىغان ھەم ھەر يىلى 24 – ئاپرېلنى چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. لېكىن تۈركىيەنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلىرى نۇرغۇن ئەرمەنلەرنىڭ قەتلى قىلىنغانلىقىنى چوڭ قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلمىغان ھەم قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى قەستەن كۆپەيتىپ كۆرسىتىلگەن، دەپ قارىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر