باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىلدا نۇرغۇن باج ئازىيىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلدى

2014.04.29 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقى 2012-يىلى 1-يانۋار يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىگىچە مەملىكەت بويىچە جەمئىي 220 مىليارد 300 مىليون يۈەن باج ئازايدى. بولۇپمۇ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ باج يۈكى يېنىكلىگەندىن كېيىن، ھاياتىي كۈچى ئۆزلۈكسىز كۈچىيىپ، بازارنى جانلاندۇرۇش، ئىش ئورنى يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەرەپلەردە پائال رول ئوينىدى.

  تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلغان بىر يىلدا، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىنىڭ سىناق كەسىپلىرى ئىچىدە، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانا 16 مىڭ 72 گە يەتتى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرىدە 11 مىڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كارخانىسى يېڭىدىن كۆپەيدى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت كارخانىسىلا 1959 دىن 5253 كە يەتتى.

  مۇشۇنداق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۇ ياخشى تەدبىر تېخىمۇ كۆپ چەتئەل كارخانىلىرىنى جەلپ قىلدى. 2012-يىلى كىسنىيۇ گوللاندىيە يەر شارى چەكلىك شىركىتى تەشكىللەپ قۇرۇغان شاڭخەي ماشىنىسازلىق تەتقىقات شىركىتى شاڭخەيدىكى تەرەققىيات مەركىزىي رايونىنىڭ باش ئورگىنىغا ماكانلاشتى. 2013-يىلى بۇ شىركەتنىڭ تەتقىقات مۇلازىمىتىدىن قىلغان كىرىمى 52 مىليون يۈەندىن ئاشتى، دەسلەپكى ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقتىن، توغرىلاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، كارخانىنىڭ كۆپەيمە قىممەت بېجى تاپشۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولماي، تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشتىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئەمەلىي نەپ ئالدى.

  بۇ يىل 1-يانۋاردىن تارتىپ، تۆمۈريول ۋە پوچتا كەسپى تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقىغا كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ بىلەن يېڭىدىن بۇ سىناققا كىرگۈزۈلگەن كارخانا 18 مىڭ 600 گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ پوسۇلكا يىغىش ۋە پوسۇلكا يوللاش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تېز يوللانما كارخانىلىرى %70 نى ئىگىلىدى. تېز يوللانما كەسپىنىڭ مۇلازىمىتى ئەمگەك زىچ توپلاشقان كەسىپ بولۇپ، تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشتە، بۇنىڭغا %6 لىك تۆۋەن باج نىسبىتى قوللىنىلىپ، كارخانىنىڭ باج يۈكىنى ئازايتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش ئورنىنى يەنىمۇ كۆپەيتىشكە پايدىلىق بولدى.

  مۇخبىرنىڭ مالىيە، باج تارماقلىرىدىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى تۇرمۇش مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار كەسىپلەردە تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى يولغا قويۇشنى پائال تەتقىق قىلماقتىكەن. ئەگەر تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش تۇرمۇش مۇلازىمىتىگىچە كېڭەيتىلسە، نەچچە مىليون كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈپ، باج يۈكىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل كەسىپ تەرەققىياتىدىمۇ پائال ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر