باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

زوراۋان–تېررورچىلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر–ئۇرغا قالغاندەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك

2014.04.29 09:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 25 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدا 14 – قېتىملىق مەركەزلىك ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكتىلدى: دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ‹‹ئىككى 100 يىل››دىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، تارماقلار خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، دادىل مەسئۇل بولۇپ، دادىل زېممىسىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى قۇدىرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي – قانۇن كومىتېتىدىكى يولداش ۋاڭ يۇڭچىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى ھەم پىكر – تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار لېكسىيەنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇل خىزمىتى دەپ بىلدى. ئېلىمىزنىڭ چوڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىسىتىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ياخشى مۇھىت ھازىرلىدى. ‹‹تىنچ مەزگىلدە خەتەرنى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا ھالاكەتنى، سىياسەتلەر ئېنىق ۋە ۋەزىيەت تىنچ چاغدا مالىمانچىلىقنى ئۇنتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ››. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، يېڭى ۋەزىيەتتە ئېلىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ ۋە خىرىس كۆپىيىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ خىلمۇ خىل خەۋپ ۋە خىرىسنىڭ ھەمتۈرتكە تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ. كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۇچ كەلگەن خەۋپنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، كونترول قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كەلتۈرگەن خىرسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىمىز، بىر تەرەپ قىلىشىمىز ۋە تۈگىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكتىلدى: جايلار، تارماقلار دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۇچ كەلگەن ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى، يېڭى يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەم تاشقى خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىش ھەم ئىچكى بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم دۆلەت زېمىنى خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىش ھەم خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش ھەم غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم تەرەققىيات مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش ھەم بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم ئۆز بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش ھەم ئورتاق خەۋپسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى قوغدايدىغان كۈرەش، شۇڭا جەزمەن قەتئىي كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلاپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن نۇخلىسىنى قەتئىي ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋېتىشىمىز كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئاممىغا تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر خىل شەكلىدىكى ئامما ئالدىنى ئېلىش – تۈزەش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۇستەھكەم قورغان ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، زوراۋان – تېررورچىلارنى ‹‹كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قاپتۇ›› دېگەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىجابىي يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھەم ئۇلارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ھەم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توسىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكتىلدى: زورۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇققا پىسەنت قىلماي، ئىنسانىيلىق ۋە ھەققانيىلىقنى دەپسەندە قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق ئاخىرقى چېكىگە خىرىس قىلىدۇ، ئۇ مىللىي مەسلىمۇ، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىغا قەتئىي ئىشىنىپ ۋە تايىنىپ، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىش ئاساسىي تېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە ئاممىۋى خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى توغرا ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان زىددىيەت، ماجىرالارنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى دەستەك قىلىۋالغان بۆلگۈنچىلىك سېلىش، سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي توسۇشىمىز ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا جەزمەن جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى؛ ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش – ھەل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش – ھەل قىلىش خىزمىتىنى تۈزۈم، مېخانىزم، سىياسەت ۋە خىزمەتلەردە پائال ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىيلىقى، ماسلىشىشچانلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۇرۇش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ باش مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئازايتىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي ئاددىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلققە بەخت – سائادەت يارىتىشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپرەك، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش تۈزۈلمىسى – مېخانىزمى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق خەتىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئازايتىشىمىز كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىمز كېرەك. ھەر خىل ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردە ئاممىنى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ۋە قانۇنىي ۋاسىتىلەرنى تەتبىقلاش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، ئىشقا يولۇققاندا قانۇندىن مەسلىھەت ئېلىش، قانۇن ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش، قانۇنغا تايىنىپ زىددىيەتنى تۈگىتىشتەك ياخشى مۇھىتنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر