باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېتىبار سىياسىتى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزدى

2014.04.29 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئىشخانىسى يېقىندا ھۆججەت چىقىرىپ، يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېزا پۇل مۇئامىلىسى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مالىيە، باج تارماقلىرى ئالدىن پىلانلاپ، ئالدىن يولغا قويۇپ، يۈرۈشلۈك باج سىياسىتىنى چىقىرىپ، يېزا پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، دېھقانلارنىڭ قەرز ئېلىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. نۆۋەتتە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارنى قوللايدىغان بىر قىسىم كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ۋاقتى بۇلتۇر 31-دېكابىر توشقان، بىراق كارخانا تاپاۋەت بېجىنى يىللىق ئومۇمىي ھېسابات بويىچە تاپشۇرۇش-كارخانىلارنىڭ 2013-يىللىق باجدا ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئالاقىدار سىياسەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلماقتىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر