باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىرىنچى پەسىلدە ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشتى

2014.04.29 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەتتە يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئومۇمىي سانى ئىككى مىليون 380 مىڭ 700 گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.6 ئاشتى؛ يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان كارخانا 609 مىڭ 700 گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.8 ئاشتى. بۇ ئىككى تۈرنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ئوخشاش مەزگىلدىكى تارىخىي رېكورت يارىتىلدى.

  بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇشى-ئىسلاھاتنىڭ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ يۈكى يەڭگىللەپ، ئۈنۈمى ئۆسۈپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى بېيىتتى. بۇلتۇر 3-ئايدىن ھازىرغىچە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرگەن مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرى 400 نەچچىگە يەتتى؛ تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتكەن ئىككى مىليون 300 مىڭ كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچى %3 لىك باج نىسبىتى بويىچە كۆپەيمە قىممەت بېجى تاپشۇرۇپ، باج يۈكى %40 يېنىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر