باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جازالانغان ‹‹يولۋاس›› ۋە ‹‹چىۋىن›› لەر

2014.04.21 16:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  -مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئېلان قىلغان چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشقا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار

  ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە تۆت ‹‹يولۋاس›› ۋە ‹‹چىۋىن››گە زەربە بېرىلدى، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 12 كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

  يېقىندىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشىغا دائىر دېلو مىساللىرى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، مەركەز ‹‹يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ›› تەڭ زەربە بېرىشكە يەنىلا يۈكسەك ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا 18 – قۇرۇلتايدىن كېيىن، زادى قانچىلىك ‹‹يولۋاس›› ۋە ‹‹چىۋىن››گە زەربە بېرىلدى؟ بۇ ‹‹يولۋاس›› ۋە ‹‹چىۋىن››لەر قايسى جاي ۋە ساھەلەردىكى كىشىلەر؟ ئۇلار قانداق سالاھىيەت ۋە ئورتاقلىقلارغا ئىگە؟

  مەركەز چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇشتا ئىزچىل ئاشكارا، ئېنىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىن تاپقىلى بولىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ‹‹جۇڭگو تور ئىشلىرى›› مۇخبىرلىرى نەچچە كۈن ئىلگىرى بۇ تور بېكەت تەسىس قىلغان ‹‹دېلو مىساللىرىنى تېپىپ چىقىش›› سەھىپىسىدىكى مەزمۇنلاردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەپ تەھلىل قىلدى، بۇ سەھىپىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بارلىق دېلو مىسالى ئۇچۇرلىرى (2012 – يىلى 6 – دېكابىردىن 2014 – يىلى 11 – ئاپرېلغىچە)نى بىرمۇ بىر رەتلەپ، كېرەكسىز سانلىق مەلۇماتلارنى چىقىرىۋېتىش (ھەر قايسى ساھەلەردە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان مەلۇم رەھبىرىي كادىرنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغان ئۇچۇرلىرىنى تاللاپ ۋە ئېنىقلاپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئۇچۇرلارنى پەقەت تۇنجى قېتىم ئىستاتىستىكا قىلدى) ئارقىلىق، بىزنى بۇ ‹‹يولۋاس›› ۋە ‹‹چىۋىن››لەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ كونكرېت تونۇشقا ئىگە قىلدى. 

  2012 – يىلى 6 – دېكابىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ ‹‹دېلو مىساللىرىنى تېپىپ چىقىش›› سەھىپىسىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان تۇنجى دېلو مىسالىدىن تارتىپ، 2014 – يىلى 11 – ئاپرېلغىچە بولغان 492 كۈندە جەمئىي 285 رەھبىرىي كادىرنىڭ قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، بۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەپتىسىگە تۆتتىن توغرا كېلىدۇ.

  ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى، 2014 – يىلى 27 – مارت جەمئىي 12 كىشى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر بىر كۈندە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئادەم سانى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.

  زەربە بېرىلگەن ‹‹يولۋاس›› ۋە ‹‹چىۋىن››لەرنىڭ سانى بويىچە رەتكە تۇرغۇزغاندا خەينەن، سىچۈەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىدى

  11 – ئاپرېلغىچە، مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار كادىرلىرى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹دېلو مىساللىرىنى تېپىپ چىقىش›› سەھىپىسىدە ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلار ئىچىدە، زەربە بېرىلگەن ‹‹يولۋاس›› ۋە ‹‹چىۋىن››لەر سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى جۇڭگو نىفىت – تەبىئي گاز گۇرۇھ شىركىتى سىستېمىسى (بەش كىشى)، ئۇنىڭدىن قالسا، جۇڭگو كۆچمە تېلېگراف شىركىتى (ئۈچ كىشى). مەركەزدىكى مىنىستىرلىقلار، كومىتېتلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان رەھبىرىي كادىرلار ئالتە ئورۇنغا تەكشى تارقالغان.

  ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلار سانى جەھەتتە خەينەن ئۆلكىسى 24 كىشى بىلەن 1 – ئورۇندا، سىچۈەن ئۆلكىسى 23 كىشى بىلەن 2 – ئورۇندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 22 كىشى بىلەن 3 – ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلار سانى 15تىن ئاشقان ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايوندىن يەنە خۇبېي، خۇنەن، شىنجاڭ قاتارلىقلار بار.

  50 –، 60 – يىللاردا تۇغۇلغانلار چىرىكلەشكەنلەر سانى ئەڭ كۆپ كىشىلەر توپى بولۇپ قالغان

  ئۇچۇر ۋە ئالاقىدار ئاشكارا ماتېرىياللارنى ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، بۇ باسقۇچتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان 285 رەھبىرىي كادىر ئىچىدە 99 كىشىنىڭ يېشى ئاشكارىلانمىغان. يېشى ئاشكارىلانغان، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلارنىڭ يېشىدىن قارىغاندا، 50 – يىللاردا تۇغۇلغانلاردىن چىرىكلەشكەنلەر ئەڭ كۆپ كىشىلەر توپى بولۇپ، تەخمىنەن %52.7نى ئىگىلىگەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا 60 – يىللاردا تۇغۇلغانلار بولۇپ، تەخمىنەن %44.1نى ئىگىلىگەن. بۇ ھازىرقى جايلار ۋە تارماقلاردىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ياش باسقۇچى بىلەن ئاساسەن ماس كېلىدۇ.

  چىرىكلەشكەنلار ئىچىدە نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار ئەڭ كۆپ

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە ئاشكارىلانغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ باسقۇچتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان رەھبىرىي كادىرلاردىن 20 دىن كۆپرەك كىشى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 200 گە يېقىنلىشىپ، تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگەن. بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سانى ئونىڭدىن ئاز بولغان. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئاز ساندىكىلەرنىڭ مەرتىۋىسى ئېنىق ئېلان قىلىنمىغان.

  پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ چىرىكلىشىشى كۆپ كۆرۈلگەن، ئالىي مەكتەپلەردىكى چىرىكلىشىش مەسىلىسىگە ھوشيار بولۇش كېرەك

  ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلارنىڭ 184 ى پارتكوم، ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا بولۇپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى، يەنى مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن قالسا، دۆلەت كارخانىسى ئورۇنلىرىدىكىلەر بولۇپ، 29 كىشى تەكشۈرۈلگەن.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كەسپىي ئورۇنلاردا تەكشۈرۈلگەنلەر 27 كىشى بولۇپ، 18 ى ئالىي مەكتەپتىن ئىكەن. ئالىي مەكتەپلەردىكى چىرىكلىشىش مەسىلىسىگە ھوشيار بولۇش كېرەك.

  يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار ئاساسەن پارا ئېلىش بىلەن چىرىكلىشىشكە باشلىغان

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەكشۈرۈلگەن رەھبىرىي كادىرلار ئىچىدە 220 كىشىنىڭ تەكشۈرۈش سەۋەبىگە ئىزاھات بېرىلمىگەن بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرى تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان سەۋەبى ئېلان قىلىنغان 65 دېلودىكى كۆپلىگەن دېلو قانۇن – ئىنتىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى سادىر قىلىنغان، دەپ ئومۇمىي ئوقتۇرۇش قىلىنغان. چىرىكلەشكەنلەرنىڭ %70 تىن ئارتۇقى پارا ئېلىش بىلەن چىرىكلىشىشكە باشلىغان.

  خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ۋە خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش سەۋەبىدىن، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان رەھبىرىي كادىرلارمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، يېرىمدىن كۆپرەك دېلو مىسالىدا تىلغا ئېلىنغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەتتە دېلو مىسالىدا تەكشۈرۈلگەنلەر ئەخلاقتا بۇزۇلغان، تۇرمۇشتا چىرىكلەشكەن. چىرىكلىشىشكە توردا قارشى تۇرۇش ۋە ئاۋامنىڭ نازارەتچىلىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئىستىل مەسىلىسى تۈپەيلى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان رەھبىرىي كادىرلار تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15 – ئاپرېل تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر