باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زەھەر تاشلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش پىكىرى ئېلان قىلىندى

2014.04.22 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنستىرلىقى زەھەر مەنئىي قىلىش ئىدارىسىدىن تۈنۈگۈن ئىگىلىنىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار يېقىندا زەھەر چېكىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرگە جەمئىيەت ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش پىكىرنى تارقىتىپ، زەھەر چېكىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا ياردەم بېرىش، كەسپىي تەربىيەلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزگەن. پىكىردە مۇنۇلار بەلگىلەندى: زەھەر چېكىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنى بېكىتىش شەرتىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىپ، زەھەر چېكىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ باجنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئامانەت-قەرز بىلەن قوللاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى، پاراۋانلىق ئىش ئورنى تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باج سىياسىتى بەلگىلىمىسىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن زەھەر چېكىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنى ئىشلەتكەن كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، زەھەر چېكىپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىشىگە ۋە ئۆزى چىقىش يولى تېپىشىغا يار يۆلەك بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر